سۈزۈك ئاسمان
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، قەييۇم تۇردىنىڭ رومانى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1985 - يىل 12 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ئاشۇ يىللاردا بىر قىسىم زىيالىيلار باشتىن كەچۈرگەن جاپالىق سەرگۈزەشتىلەر ۋە يېزىلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. روماندا سادىق بىلەن جۈمە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت - كۈرەش مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن. سادىق ئالىي مەكتەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى، ئۇ رەيھان ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، رەيھانمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، رەيھاننىڭ پېيىگە چۈشكەن جۈمە سادىقنى ھالاك قلىپ، رەيھاننى قولغا كەلتۈرۈش رەزىل مەقسىتىدە بولىدۇ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، سادىق ئىنقىلابنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدا قېلىپ نۇرغۇن ئازابلارنى تارتىدۇ، ئەمما خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ئۇ، يېزىدا رايھان بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. شۇ يېزىدا چىرايلىق تونغا ئورنىۋېلىپ ئىنقىلابتىن پايدىلىنىپ سوتسىيالىزمغا، خەلق ئاممىسىغا، زىيالىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان جۈمە بىلەن كېچە - كۈندۈز خەلقنى، گۈللىنىشنى ئويلايدىغان سادىق ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت - توقۇنۇشلار ئۈزۈلمەيدۇ، كېيىن ھەق - ناھەق ئايرىلىپ، جۈمە ئۆزىنىڭ رەزىل ئەپت - بەشرىسىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. سادىق ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، مېھنىتى ئارقىلىق خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.