بالدۇر ئويغانغان ئادەم
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، خېۋىر تۆمۈر يازغان تارىخىي قىسسە بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1987 - يىل 2 - ئايدا نەشر قىلغان. پۈتكۈل كىتاب 30 بابتىن تەشكىل تاپقان، باش قىسىمىغا نەشرىيات سۆزى، ئاپتور سۆزى، ئاخىرىغا خاتىمە بېرىلگەن. بۇ چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەردە بالدۇر ئويغانغان ئادەم - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جەڭگىۋار ئوغلانى، مەشھور شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، ئىلىم تەھسىل قىلىشى، ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى، بولۇپمۇ 30 - يىللاردىكى جەڭگىۋار كۈرەش ھاياتى ئاشۇ يىللاردىكى ئىجتىمائىي ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك بايان قىلىنغان