UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئابدۇللا ئاخۇن

ئابدۇللا ئاخۇن

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى ئابدۇللا ئاخۇن (ئابلا قاسساپ) مەھەممەت نىياز ئوغلى 1887 - يىلى قەشقەر شەھەر ئۆستەڭبويىدىكى ياغاچچى كوچىسىدا تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە قەشقەردە باشتا خەلپەتتە، كېيىن كەنجازا «مەدرىسە» دە (ھازىرقى ئۆستەڭ بويى ساقچى ئورنى كەنجازا «مەدرىسە» ئىدى) ئوقۇيدۇ. كېيىن دادىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇخارا «مەدرىسە» لىرىدە ئوقۇغانلىقى مەلۇم. قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئابدۇللا ئاخۇن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولغان چاغلاردا تاشكەنتتە قۇرۇلغان چەت ئەل مۇھاجىرلار كومىتېتى قارىمىقىدىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا كىرىدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىلھام ئېلىپ يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ ۋە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ئەتراپىدىكى بىر بۆلۈم سوۋېتپەرەس كىشىلەر قاتارىدا بولىدۇ. شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، شۇ زامانلاردا «جەدىتچىلەر» دەپ ئاتالغان تەرەققىيپەرۋەرلەر شىنجاڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىزمەتكە قۇيۇلىدۇ. ئابدۇللا قاسساپمۇ 1936 - 1937 - يىللىرى مەكىت ناھىيسىگە ھاكىم بولىدۇ. ئابدۇللا ئاخۇن مەكىتكە ھاكىم بولغاندىن كېيىن مەكىت ناھىيسىنىڭ ئۆستەڭ بويىدىكى خويلى مەكتەپ (خەلق باشقۇرغان مەكتەپ) نى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىغا (شەنلى مەكتەپ قىلىپ) ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ. ئۆستەڭ بويىدىكى مەكتەپتىن ئوقۇتقۇچى ئاجرىتىپ، چامغۇرلۇق قىزلار مەكتىپىنى سالدۇرىدۇ ۋە ئىلىم - پەن ئۆگىنىش، يېڭى مەدەنىيەتكە يۈرۈش قىلىش تەرغىباتلىرىنى ئوبدان ئىشلەيدۇ. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاتىزمچىلىقنىمۇ تەرغىب قىلىدۇ. ئۇ بىر كۈن شېرىپ ساقال ئىسىملىك 84 ياشقا كىرگەن، ئاپئاق ساقىلى كىندىكىگە چۈشىدىغان بىر مويسىپىت ئادەمنىڭ ساقىلىنى كەستۈرۈۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ساقاللىق كىشىلەر بازارغا چىقالمايدۇ ياكى ياقا يۇرتلارغا كېتىشكە باشلايدۇ. بۇ ئىشنىڭ تەسىرى ناھايىتى يامان بولۇپ، يۇقىرىغىمۇ يېتىدۇ. كېيىن ئۇنى ھۆكۈمەت قەشقەرگە قايتۇرۇپ كېتىپ قولغا ئالىدۇ. 1944 - يىلى تۈرمىدىن چىقىپ، 1946 - يىلى بىتىم ئىمزالانغاندا، قەشقەردىكى دارىلئاجىزىنا باشلىق بولىدۇ. 1948 - يىلى ۋەزىپىدىن قالىدۇ. 1955 - يىلى 10 - ئايدا 68 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى