سامانيولى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ۋاپات بولغان بىر قىسىم شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تاللانما توپلىمى بولۇپ، ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن، تۇرسۇن زىرىدىن، تۇرسۇن نىيازلار نەشرگە تەييارلىغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 - يىل 5 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا سابىت ھاجى، تۇراخۇن توختى، ھەمراھ بارات، قۇتلۇق شەۋقى، ناسۇھا ئىمىن، موللا داۋۇت، ئايۇپ قاسىمى، نىياز باقى، ئىمىر ھۈسەيىن قازىھاجىم، تەۋپىق، تېيىپزات تاھىرى، تۇردى ئەزىرى، خېلىل ساتتارى قاتارلىق 27 شائىرنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان ماقالىلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم نەمۇنىلىك شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.