مۇسا ئەپەندى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
مۇسا ئەپەندى (ئۆزبېك) 1904 - يىلى ئەنجان شەھىرىدە دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كېلىپ، ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئائىلىسىدە دىنىي بىلىم ئالىدۇ. كېيىن رۇس مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ، جۈملىدىن ئەرەب، پارس، تۈرك تىللىرىنىمۇ پۇختا ئۆگىنىدۇ. 1926 - يىلى ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرگە قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئۆيلىنىپ ئىككى يىل تۇرغاندىن كېيىن، 1928 - يىلى ئافغانىستانغا بارىدۇ. 1929 - يىلى مۇسا ئەپەندى ھەجگە بېرىپ ئەرەبىستاندا ئىككى يىل تۇرۇپ، ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئەرەب دۇنياسىنى چۈشىنىدۇ. 1931 - يىلى يەنە قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ زۇلمىغا قارشى كۈرەشكە قاتنىشىدۇ. بۇ جارياندا ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭقۇر بىلىمى بىلەن خەلق تەرىپىدىن مۇسا ئەپەندىم دەپ ئاتىلىدۇ. قەشقەردە ئىنقىلاب بولۇش ئالدىدا مۇسا ئەپەندى يەنە بىر شېرىكى بىلەن يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، «ھىلالى ئەھمەر» شىپاخانىسى قۇرىدۇ. خوتەندە قوزغىلاڭ بولغان كۈنلەردە، پەغانىلىق مۇھاجىرلار بىلەن يەرلىكلەر بىرلىكتە تەشكىللەنگەن ئىستىقلال جەمئىيىتىنى قوللايدۇ. قەشقەردە ئۇرۇش بولغاندا، قۇرغان دوختۇرخانىسىنى ئىشقا سېلىپ يارىدارلارنى داۋالايدۇ. ماجەنساڭدىن ئېلىپ كېلىپ دەپنە قىلىدۇ. ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغاندا مالىيە نازىرىنىڭ ئورۇنباسارى بولىدۇ.
ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرى قەشقەرگە بېسىپ كىرىپ قىرغىن قىلغاندا، يەنى 1934 - يىلى 8 - ئايدا مۇسا ئەپەندى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا چىقىپ كېتىدۇ ۋە مەدىنىدە مۇقىم ئورۇنلىشىپ، 30 - يىللىق ھاياتىنى ئىلمىي ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. يازغان ئەسەرلىرىنى ئەرەب مەنبەلىرىدە ئېلان قىلىدۇ. 1986 - يىلى 82 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.