چالا تەگكەن ئوق
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئابدۇللا تالىپنىڭ رومانى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا خەلق ئاممىسىنىڭ 40 - يىللاردىكى ئېچىنىشلىق تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئىنقىلابىي كۈرەش روھىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ رومان 1943 - يىلدىكى <17 - ئاپرېل> ۋەقەسىنى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي مەزگىلىنى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. قەشقەرلىك يىگىت ئېرپان شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەت تۇتۇش ھىيلىسى - <ئالتۇن كولاش> ھىيلىسىگە ئالدىنىپ، ئۈرۈمچىگە سەپەرگە چىقىدۇ، ئۇزاققا بارماي ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىككە تۇتۇلغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەسكەرلىكتىن قېچىپ چىقىپ ئۈرۈمچىگە بارىدۇ، بۇ يەردە كەنجى قاتارلىق ئىنقىلابچى ياشلار بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ ھەمدە خائىن - ئىشپىيونلار بىلەن كۈرەش قىلىدۇ، كېيىن ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە بارلىقىنى بېغىشلايدۇ، ئاقسۇنى ئازاد قىلىش جېڭىدە شەرەپ بىلەن قۇربان بولىدۇ... يازغۇچى ئەسەر قەھرىمانى ئېرپاننىڭ مۇرەككەپ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي - ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى سۈرەتلەپ بەرگەن.