قەلب ئىزھارى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، بىرلەشمە شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1987 - يىل 3 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يالقۇنجان ئىسلامنىڭ <دەسلەپكى قەدەم> ماۋزۇسى ئاستىدا، ئابدۇراخمان ناۋاينىڭ <قەلب ئىزھارى> ماۋزۇسى ئاستىدا، نۇرىيە ئېلاخۇننىڭ <ھايات ئىلھاملىرى> ماۋزۇسى ئاستىدا بىر قىسىم شېئىر ۋە باللادا - داستانلىرى كىرگۈزۈلگەن.