مۆلجەر تاغ بورانلىرى
ئۇيغۇر ئويۇنلىرى
بۇ، كوللېكتىپ درامىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985 - يىل 3 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا ئىمىن ئەخمىدى بىلەن ئابلەت قەييۇم بىرلىشىپ يازغان <مۆلجەر تاغ بورانلىرى>، <تۇرسۇن يۇنۇس خۇشتىرى يازغان >كۆڭۈلدىكى توي<، ئىبراھىم قۇربان يازغان >ھەسرەت< ۋە تاش مامۇت يازغان >ئۆگەي بالىمۇ بىلىم ئالسۇن< ناملىق درامىلار كىرگۈزۈلگەن.