تىيانشان باغرىدا
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، تۇردى سامساقنىڭ ھېكايە - ئوچېركلار توپلىمى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982 - يىل 8 - ئايدا قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <بەش تال ئوق>، <قەشقەر گۈزىلى>، <سىرلىق ساندۇق>، <تىيانشان باغرىدا>، <ئىنتىقام> قاتارلىق ھېكايىلىرى ۋە <پاگون> قاتارلىق ئوچېركلىرى بولۇپ جەمئىي 13 پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرىدە ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرىدە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى تېما قىلىنغان.