نامان ئەپەندى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
نامان ئەپەندى ئاتۇش كۆكئېرىق كەنتىدە ھاللىق سودىگەر ئائىلىسىدە، 1890 - يىلى دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئىمىن ھاجى 1895 - يىلى تىجارەت بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ، كېيىن قاراقول شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئائىلىسىنى كۆچۈرۈپ چىقىپ كېتىدۇ. نامان ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن قاراقولدا رۇسچە، ئۇيغۇرچە دەرس ئوقۇتۇلىدىغان ئىپتىدائىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش يىللىرىدا رۇس، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ.
نامان ئەپەندى 1917 - يىلى ئائىلىسى بىلەن ئىلىغا كۆچۈپ كېلىپ، 1918 - يىلى ئىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ نامايىشىغا قاتنىشىدۇ. 1924 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ تاشكەنت تېببىي ئىنىستىتۇتى ۋە شەرق ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ.
نامان ئەپەندى 1930 - يىللارنىڭ باشلىرىدا تاشقى موڭغۇلىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا قايتقان شەرق ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىلىر بىلەن بىللە قۇمۇلغا كېلىپ، بىر مەزگىل ئىشلەپ، قۇمۇل دېھقانلار قوغىلىڭى جەنۇبىي شىنجاڭغا كېڭىيىپ (1933 - يىلى 4 - ئايدا)، تۆمۈر سىجاڭ قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ، يېڭى ھاكىمىيەت قۇرغاندا قەشقەرگە كېلىپ، مائارىپچى سۈپىتىدە كۆزگە كۆرۈنىدۇ. شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا قەشقەردە بۇرۇن قۇرۇلغان «ھىلالى ئەھمەر» دۇختۇرخانىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنى تەسىس قىلىدۇ ۋە نامان ئەپەندى سەھىيە ئىدارىسىگە مۇدىر بولىدۇ. بۇ چاغدا نامان ئەپەندى قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىككى قارار دوختۇرلۇق - دورىگەرلىك كۇرسى ئېچىپ، رۇسچە ئۆتۈلگەن دەرسلەرگە ئۆزى تەرجىمان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر تېببىي خادىملارنى يېتىشتۈرىدۇ. ئاشۇ يىللاردا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋابا كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا تېۋىپ يۈسۈپ ھاجىم بىلەن بىللە ئىشلەپ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە قەشقەرنىڭ مەدەنىي - مائارىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك كۈچ قوشىدۇ. ئۇ «ناسىر ھاجىم» «ھېكىم ھازىق نۇرۇللا» قاتارلىق خۇراپىيلىق - قاششاقلىق سۆكۈلگەن بىر قانچە دراما ۋە ئېپىزوتلارنى يازىدۇ. 1937 - يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئىز - دېرەكسىز غايىب بولىدۇ.