ئەدەبىيات لۇغىتى
ئۇيغۇر ئويۇنلىرى
بۇ، ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئۇنىۋېرسال لۇغەت بولۇپ، مۇھەممەتئىمىن جاپپار تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1996 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلىنغان. لۇغەتكە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى كىتابلىرىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلار، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەشھۇر يازغۇچى، شائىر، ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەسەرلىرى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق مەجمۇئەلەر، ئېقىملار بولۇپ 700 گە يېقىن ئاتالغۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ لۇغەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىمۇ تونۇشتۇرۇلغان.