UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىكۈرەشچان يىللار

كۈرەشچان يىللار

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، قەييۇم تۇردى يازغان ترولوگىيە بولۇپ، ئۇنىڭ 1 - قىسمى 1979- يىلى، 2 - قىسمى 1980 - يىلى، 3 - قىسمى 1985 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن تۇنجى ترولوگىيە - يىرىك ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن خېلى چوڭ قىممەتكە ئىگە. ئاپتور بۇ تروگوگىيىدە ئالماس، ئاسىم، ئېلىقۇل، لەيلىگۈل، ئانارگۈل ... قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى يېزىش ئارقىلىق، ئازادلىق ۋە ئۇنىڭ ئالدى - كەينىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ ۋە بۇ يېزىلاردا چوڭ ئۆزگىرىشلەر ۋە شۇ يىللاردا ياشىغۇچى كەڭ ئەمگەكچى خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، چوڭ ئۆزگىرىشلەر ۋە شۇ يىللاردىكى ئىجتىمائىي، تارىخىي چوڭ ۋەقەلەرنى بەدىئىي ۋاستىلەر ئارقىلىق چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن. روماندا پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىشقا ئوبدان ئەھمىيەت بېرىلگەن، ئازادلىق ھارپىسىدىكى ئىلغار، ئىنقىلابىي كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كونا جەمئىيەتنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنىدىغان مۇتەئەسسىپ، زالىم، ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، <كۈرەشچان يىللار> ترولوگىيىسى - قەييۇم تۇردىنىڭ يىرىك، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىمۇ بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى