ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى
ئۇيغۇر ئويۇنلىرى
بۇ، ئەدەبىياتقا دائىر ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھلىق ئۇغىتى بولۇپ، ماخمۇت زەيىدى بىلەن سەمەت دۇگايلى تۈزگەن، 1988 - يىل 7 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان تۇنجى ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرىنىڭ مۇكەممەلرەك لۇغىتى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە ئائىت، جۈملىدىن ئەدەبىيات تۈر - شەكىللىرىگە، يېزىقچىلىق نەزەرىيىسىگە، ئەدەبىي ئېقىملارغا، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرگە، بەدىئىي ئۇسۇل - شەكىللەرگە، ئەدەبىياتنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىغا دائىر 670 نەچچە ئاتالغۇ قىسقىچە ئىزاھلانغان.