UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىتىيىپ ھاجى سابىتوف

تىيىپ ھاجى سابىتوف

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى تىيىپ ھاجى 1981 _ يىلى يەركەنتنىڭ قورام يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، دىنىي ۋە پەننىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ. 1905 _ يىلى يەتتىسىمۇ ئوبلاستىدا تەسىس قىلىنغان «كالتا چاپانلار» (بۇ تەشكىلاتىنىڭ نامى، 1906 _ يىلى «تەرەققىيپەرۋەرلەر تەشكىلاتى» غا ئۆزگەرتىلگەن) غا ئەزا بولىدۇ. 1971 _ يىلى بىشكەكتە قىزىل گۋاردىيىگە قاتنىشىدۇ 1918 _ يىلى 2 _ يانىۋاردا ئالمۇتىدا ئېچىلغان يەتتىسىمۇ ئوبلاستىدا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندا يېزىلىق سوۋېت رايونىنىڭ رەئىسى بولىدۇ. (ئۇنىڭ شۇ يىللاردىكى پائالىيىتى رۇس يازغۇچىسى پادىيوفنىڭ «تارمار» رومانىغا ئۆز نامى بىلەن كىرگۈزۈلگەن). يەتتىسىمۇ «ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى» غا ئەزا بولىدۇ. كېيىن بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرىدۇ. شۇ مەزگىلدە شەرق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، 3 _ ئىنتېرناتسىئونالنىڭ يەتتىسىمۇ ئوبلاستلىق «ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى» نىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ گۇرۇپپىلىرىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن 1930 - يىللارغىچە كۆپ قېتىم ئىلىغا كېلىپ، تەشۋىق _ تەرغىب خىزمىتى ئىشلەيدۇ. 1930 - يىلى ئائىلىسى بىلەن ئىلىغا كۆچۈپ كېلىپ، قاسىمجان قەمبىرى باشلىق سەپداشلىرى بىلەن بىللە ئىلىدا مەھەللىۋى تىياتىر، كونسېرت، ئولتۇرۇش، بەزمە _ مەشرەپلەردە دوراش سەنئىتى ئارقىلىق ئىلى تىياتىرچىلىقىنىڭ دەسلەپكى ئاسساسىنى قۇرىدۇ. 1934 - يىى 9 - ئايدا ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئاقارتىش ئويۇشمىسىنى قۇرىدۇ ۋە ئويۇشمىغا رەئىس بولىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە پولكوۋنىڭ دەرىجىسى بىلەن ئىلى باش ساقچىدا ئىشلەيدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭەشتە ئىشخانا مۇدىرى بولىدۇ. 1957 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېتىپ، 1963 - يىلى ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
تىيىپ ھاجى سابىتوف | UyghurWiki | UyghurWiki