UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىمەھمۇد قەشقەرى

مەھمۇد قەشقەرى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، پەرھاد جىلان يازغان تارىخىي رومان بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1994 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ Ⅺ ئەسردە ئۆتكەن مەشھۇر ئالىمى، داڭلىق تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھاياتىغا، جۈملىدىن ئۇنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> نى يېزىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە بېغىشلانغان بۇ روماندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، ئىلىم تەھسىل قىلىشى، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قاراخانىيلار ئوردىسى، جەمئىيىتى، ئۇنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> نى يېزىشقا ئىرادە باغلاپ، تىل ماتېرىياللىرىنى توپلاش، تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇزاق مەزگىللىك ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى، ئاخىر كىتابنى تاماملاپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى ئۆلمەس بىر كاتتا ئەسەرنى مىراس قالدۇرغانلىقى يېزىلغان. رومانىنىڭ تارىخىي ئاساسى خېلى كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بەدىئىي سەۋىيىسىمۇ خېلى ئۈستۈن. يازغۇچى تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن بەدىئىي توقۇلمىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، مەھمۇد قەشقەرى ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى