UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئابدۇلئەزىز مەخسۇم

ئابدۇلئەزىز مەخسۇم

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىشقەدەملىرىدىن بىرى بولغان ئابلىز مەخسۇم (ئەزىزى) 1899 - يىلى ئاتۇش مەشھەتنىڭ ئازراق يېزىسىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى ۋە يېتەكچىسى ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس قەشقىرى (1862 - 1924) ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە دىنىي تەلىم ئېلىپ، پارس، ئەرەب ۋە تۈرك تىللىرىنى خېلى پۇختا ئىگىلەيدۇ. تارىخىي، كلاسسىك ئەدەبىي كىتابلارنى ئوقۇيدۇ. كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىسەگە بېرىپ ئوقۇيدۇ. ئۇ يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ بىلىم ئېلىش ئارزۇسىدا ھىندىستانغا چىقىپ، ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش جەريانىدا ھىندىستان خەلقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۆرىشىنى قوللاپ نامايىشقا قاتنىشىپ، ئەنگىلىيە تۈرمىسىگە قارشى كۆرىشىنى قوللاپ نامايىشقا قاتنىشىپ، ئەنگىلىيە تۈرمىسىگە ئالتە ئاي قامىلىدۇ. 1924 - يىلى دادىسى ئەكسىيەتچىل ئىستىبداتلار تەرىپىدىن سۇيىقەسىت بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ھەر خىل سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ ۋە شېڭ شىسەي، گومىنداڭ دەۋرىدە ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار زات، دەپ قارىلىپ، كۆپ قېتىم تۈرمىگە قامىلىدۇ. ئابلىز مەخسۇم 1946 - يىلى خەلقچىل سايلامدا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ۋالىي بولۇپ سايلىنىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن لىچۈن شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. 1951 - يىلى چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشتە نۇرغۇن مال - مۈلكىنى ھەدىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1920 - يىللاردا باشلانغان بولۇپ، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆپ شېئىرلىرى ئېلان قىلىنمايدۇ. ئازادلىقتىن ئىلگىرى يازغان خەلقنى غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغىتىپ، تەرەققىياتقا، مىللىي باراۋەرلىككە، ئازادلىق ۋە ھۆرلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەشكە يېتەكلەيدىغان جەڭگىۋار شېئىرلىرى خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئابلىز مەخسۇم 1982 - يىلى تۇيۇقسىز ۋاپات بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى