UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىشائىر ئەرشىدىن تاتلىق

شائىر ئەرشىدىن تاتلىق

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى ئەرشىدىن تاتلىق (1927 - 1998 ) ئاقسۇ كونا شەھەرنىڭ موللىلار كەنتىدە تۇغۇلۇپ، 1933 - يىلىدىن 1937 - يىلىغا قەدەر دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، كېيىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1942 - يىلى ئاقسۇدا ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش كۇرسىدا ئوقۇپ، ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. 1945 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسى ئاقسۇغا چۈشكەندە ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئىزۋوت كوماندىرى، مىللى ئارمىيە ئىلىغا قايتىپ چىققاندىن كېيىن دەسلەپ باش شتابگە، كېيىن غۇلجا شەھەر گارنىزون كومىندانتىدا كاتىپ، خوجىلىق بۆلۈم باشلىقى، سىياسىي ئىنىستىروكتور قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1947 - يىلى كۈنەس ناھىيىلىك باج ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ. 1949 - يىلىغا قەدەر شىخو پولكى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇل كاتىپى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1953 - يىلى 9 - ئايدىن 1986 - يىلىغا قەدەر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ئىشلەپ، «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، بۆلۈم باشلىقى، «مىراس» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ئەرشىدىن تاتلىق 1948 - يىلىدىن تارتىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ «سادىق بابكا»، «پۇشايمان»، «خالتا كوچىدىن يانغاندا» قاتارلىق ئون نەچچە ھېكايە، ئۇيغۇر يېڭى دەۋر ھېكايىچىلىقىدىكى تۇنجى پوۋېست «سىناق» قاتارلىق ئەسەلەرنى ئېلان قىلىدۇ. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «باھار چېچەكلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرىدۇ. ئۇ يەنە «ۋەتەن قۇربانلىرى»، «توي كۈنى» ناملىق سەھنە ئەسەرلىرىنىمۇ يازىدۇ. ئەدىب ئەرشىدىن تاتلىق نۇرغۇنلىغان خەلق چۆچەكلىرى، خەلق قوشاقلىرى، خەلق داستانلىرىنى توپلاپ،رەتلەپ نەشر قىلدۈرۈپ، خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىغا ئالاھىدە ئەمگەك سىڭدۈرىدۇ. «ئەمىر گور ئوغلى» ناملىق خەلق داستانلار توپلىمى ئەدىبىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدە تۆھپىلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە «مىڭ بىر كېچە» نىڭ بەش ۋە «نىم شېھىت ئەسەرلىرى» نى نەشرگە تەييارلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
شائىر ئەرشىدىن تاتلىق | UyghurWiki | UyghurWiki