UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىقۇم باسقان دېڭىز

قۇم باسقان دېڭىز

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، توختى ئايۇپنىڭ پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1989 - يىل 12 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ كېيىنكى يىللاردا يازغان <قۇم باسقان دېڭىز>، <ئاھ، يەر>، <شەيتان بىلەن ساقچى> قاتارلىق ئۈچ پوۋېستىدا ئەلى، گۈلجەننەت ۋە قاۋۇل ئەسكەرنىڭ قەدىمكى توغراقلىقتا ئورمانلارنى ئاسراش، ئېكولوگىيلىك مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە مۇھەببەتلىك ھاياتى يېزىلغان. <ئاھ، يەر> پوۋېستىدا، باۋدۇننىڭ يەرگە بولغان چەكسىز ئەقىدىسى نۇقتىلىق يېزىلغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ يەرنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرۈپ، ئۇنى ئاسراپ، ئۇنى ھايات - ماماتى بىلەن بىر گەۋدە دەپ تۇنۇيدىغانلىقى، يەرنىڭ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ، مۇقەددەسلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى