ئەجدادلار ئىزىدىن
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، تۇرسۇن لېتىپ يازغان رومان بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989 - يىل 2 - ئايدا نەشر قىلىنغان. بۇ روماندا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى ئىلى يېزىلىرىنىڭ، دېھقانلىرىنىڭ ئېغىر كۈنلىرى، ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى، زۇلۇم - زورلۇقلاردا قالغان ھاياتى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ خەلقنى قۇتۇلدۇرغانلىقى، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە ۋە يەرلىك زالىملارغا قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەنلىكى يېزىلغان. روماننىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى دېھقان ئوغلى مەپىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق قانات يايدۇرۇلغان. روماندا ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي، تارىخىي ئەھۋاللار، خەلق تۇرمۇشى، خەلق ئىنقىلابىنىڭ مۇقەررەرلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. روماندا يەنە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بەدىئىي ئوبرازىمۇ خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان.