UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىتۇرغۇنجان رەھىمى

تۇرغۇنجان رەھىمى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى تۇرغۇنجان رەھىمى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قەشقەرگە كېلىپ ماكانلاشقان ئۆزبېك ئائىلىسىدە، 1887 - يىلى تۇغۇلۇپ، 1937 - يىلى ۋاپات بولغان پېداگوك ھەم شائىر. تۇرغۇنجان شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىكى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان ئىلغار پىكىرلىك، مەرىپەتپەرۋەر زات. ئۇ ئەدەبىياتتىن ئىبارەت قورالدىن پايدىلىنىپ، ئۆز دەۋرىدىكى فېئوداللىق ئىللەتلەرنى ،جۈملىدىن زۇلۇم ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيىنى تەنقىد قىلىپ، دېموكراتىك خاھىشتىكى شېئىرلارنى يېزىپ، ئەسەلەرنى «تۇلۇئى» دېگەن تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى 1929 -، 1935 - يىللاردا قەشقەردە نەشر قىلىنغاندىن كېيىن باشقا، كۆپلىگەن ئەسەرلىرى يازما ھالەتتە ياكى ئېغىز ئارقىلىق خەلق ئىچىگە تارقىلىدۇ. ئۇ شېئىرىيەتتىن باشقا دراما، كومېدىيىلەرنىمۇ يېزىپ، شىنجاڭ ئۆز بېك تىياتىرچىلىقىنىڭ راۋاجلىنىشىدا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ «كەر (گاس) باي» (1935 - يىل) ناملىق كومېدىيىسى بىلەن «ھەملىمە» (1936 -يىل)«ئايخان» (1939 - يىل) نامىلىق درامىسىدا فېئوداللىق ئادەتلەرنى قاتتىق سۆكۈپ، ئاياللار ئەركىنلىكىنى كۈيلەيدۇ. بۇ كومېدىيە ۋە درامىلار 1936 -، 1939 - يىللاردا قەشقەر سەھنىلىرىدە ئوينىلىدۇ. تۇلۇئىنىڭ ئاقارتىش - مەرىپەتچىلىك پائالىيەتلىرى 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىلىرىدىكى مەدەنىي گۈللىنىش دەۋرىگە مەنسۇپتۇر. ئۇ ئەنە شۇ دەۋردە ئۇيغۇر، ئۆزبېك مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قىزغىن كۈرەش ئېلىپ بارغان ئۆزبېك زىيالىيلىرىنىڭ ۋەكىلى ئىدى. تۇرغۇنجان رەھىمى قەشقەردە قۇرۇلغان ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ خادىمى، دارىلمۇئەللىمىن مۇدىرى بولۇپمۇ ئىشلىگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى