UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىكونا - يېڭى ئىشلار

كونا - يېڭى ئىشلار

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن ئېزىز ساۋۇتنىڭ بىرلەشمە ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1987 - يىل 3 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ <كونا - يېڭى ئىشلار> ماۋزۇسى ئاستىدا <يىراقتىن يېزىلغان خەت>، <سىناش> قاتارلىق سەككىز پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇ ھېكايىلاردا ئاددىي تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزگىچە بىر بەدىئىي دۇنيا يارىتىلغان. توپلامغا ئېزىز ساۋۇتنىڭ <تۇنجى سەپەر> ماۋزۇسى ئاستىدا <تۇنجى سەپەر>، <ھەسەل سېتىۋېلىش>، <جاسارەت> قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى