قىزىلتاغ چىراغلىرى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، قەييۇم تۇردى يازغان رومان بولۇپ، <قىزىلتاغ باتۇرلىرى> دېگەن نام بىلەن 1974 - يىلى، <قىزىلتاغ ئېتىكىدە> دېگەن نام بىلەن 1975 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. روماننىڭ ئەسلى نۇسخىسى <قىزىلتاغ چىراغلىرى> 1984 - يىل 12 - ئايدا شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ روماندا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭىيەر يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش يىللىرىدا يۇرتقا سۇ باشلاپ كېلىپ قۇرغاقچىلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە يۇرتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، تاغ تېشىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە جاپالىق كۈرەشلەر ئارقىلىق كۈتكەن مەقسەتكە يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. روماندا تاغ تېشىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنىڭ باشلامچىلىرى ۋە ئاكتىپلىرىدىن بولغان سابىر، چارۋا قۇل، تۆمۈر بوۋا، زەيتۇنەم قاتارلىق ئاكتىپ، ئىنقىلابىي كۈچلەر بىلەن سۇلايمان، نامان قاتارلىق بۇ كۈرەشكە قارشى چىققان پاسسىپ، ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەرنىڭ زىددىيەت - كۈرەشلىرى ۋە ئاخىر ئاكتىپ، ئىنقىلابىي كۈچلەرنىڭ غەلبە قىلغانلىقى نۇقتىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. <قىزىلتاغ چىراغلىرى> بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى رومانچىلىقنىڭ سىنىقى بولۇشىغا قارىماي، نىسبەتەن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان.