UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئويغانغان زېمىن

ئويغانغان زېمىن

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تارىخىي رومانى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988 - يىل 10 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا 20 - يىللارنىڭ ئاخىرى، 30 - يىللارنىڭ باشلىرىدىكى مۇرەككەپ شىنجاڭ ۋەزىيىتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، 30 - يىللارنىڭ باشلىرىدا پارتىلىغان قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ پارتلاش سەۋەبى، قوزغىلاڭنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە تەقدىرى قاتارلىق مەسىلىلەر تارىخىي ئاساستا چىنلىق بىلەن بايان قىلىنغان. شىنجاڭغا ئون نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، خەلقنىڭ قېنىنى ئىچكەن ياڭ زېڭشىڭ 1928 - يىلى قول ئاستىدىكى ھەربىي ئەمەلدار پەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ھاكىمىيتەت ھوقۇقى زالىم، مۇستەبىت جىڭ شۇرېننىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ئۇ، خەلق ئۈستىدىكى ئالۋان - سېلىقنى، زۇلۇم - زورلۇقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋەتكەچكە، زۇلۇمغا چىدىمىغان قۇمۇل خەلقى 1931 - يىلى خوجانىياز ھاجى، سالى دورغا قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ ۋە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن چېرىكلەرنى ئارقىمۇ ئارقا مەغلۇپ قىلىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. قوزغىلاڭنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، تۇرپان، توخسۇن قاتارلىق جايلاردىمۇ قوزغىلاڭ پارتىلايدۇ. خەلق قۇزغىلىڭىنىڭ كۈچىدىن چۆچىگەن جىڭ شۇرېن بىر تەرەپتىن ھەربىي ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن خوجانىياز ھاجىلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئاخىر سۇلھى تۈزۈلۈپ قوزغىلاڭ ۋاقىتلىق پەسكويغا چۈشىدۇ. يازغۇچى رومانىدا مانا مۇشۇ تارىخىي رېئاللىقنى يۈكسەك بەدىئىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئاشۇ مۇرەككەپ تارىخنى ئەدەبىي يوسۇندا كۆرسىتىپ بەرگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئويغانغان زېمىن | UyghurWiki | UyghurWiki