خۇسەيىن چانىشوف
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
خۇسەيىن چانىشوف تاتار. ئۇنىڭ بوۋىسى روسىيىنىڭ دوساي دېگەن بىر يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى نىمۇتۇللا چانىشوفنىڭ خەسەن، خۇسەيىن، شېرىپ چانىشوفتىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلى بولۇپ، نىمۇتۇللا چانىشوف ئوغۇللىرى كىچىك ۋاقتىدا ۋاپات بولىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نىمۇتۇللا ئاز يەرگە ئىگە كىشى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق قىلىپ، سېرىقتال ئۆتەتتىكەن. نىمۇتۇللا چانىشوف ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئاكىسى رامىزان چانىشوفنىڭ تەربىيىسىدە قالىدۇ.
رامزان چانىشوف ئىشلەمچىلىك بىلەن تۇرمۇش قامدايدىغان كىشى بولۇپ، 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا روسىيىلىك ۋاگانىك ئىسىملىك بىر رۇس باي سودىگەرگە ياللىنىپ، شىنجاڭ ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرگە كېلىپ، بىر مەزگىل ئىشلەپ ئۇنىڭغا كۆپ پايدا - مەنپەئىتىدىن رازى بولغان رۇس ئۇنىڭغا خېلى نۇرغۇن پۇل بېرىپ، «مۇشۇ پۇل بىلەن شىنجاڭغا بېرىپ سودا قىل» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن رامزان چانشوف 1861 - يىلى شىنجاڭغا كېلىپ سودىگەرچىلىك قىلىدۇ. كېيىن 1903 - يىلى خۇسەيىن چانىشوفنى ئېلىپ نەنمىننىڭ سىرتى نەنگۈەن دەپ ئاتىلىدىغان جايدىن ( ھازىرقى ئىتتىپاق يولىدىكى يېڭى گۈللۈك ئورنىدىن ئۈچتاشغىچە، ھەتتا ئولانبايغىچە چارروسىيە سودىگەرلىرىنىڭ سودا قىلىشىغا بېرىلگەن زېمىن ئىدى) بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پاختا، قوي، تۆگە يۇڭى، بۇغا - بۆكەن مۈڭگۈزى، يولۋاس، ئېيىق، تۈلكە، سۈلەيسۈن تېرىسى، يەرلىك قول ھۈنەر مەھسۇلاتىدىن ماتا - چەكمەن، گىلەم، كىگىز، ئالتۇن زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىق ماللىرىنى دەسلەپ روسىيىگە چىقىرىپ، ئۇ يەردىن ھەر خىل سانائەت ماللىرى، مۇت - دۇراپ، سوكنا، چىپەرقۇت، شولكا، يىپەك رەختلەر، تۆمۈر، چويۇن، قازان، كىرسىن، لامپا، گازۋاي لامپا قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ كېلىپ سېتىپ كۆپ پايدىغا ئېرىشىدۇ.
بۇ يىللاردا چانىشوفنىڭ مويكىسىدا ياز كۈنلىرى 200 ئەتراپىدا، قىشتا 70 - 80 دەك ئادەم ئىشلەيدۇ. ھازىرقى ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئورنىدىن ياشلار باغچىسىغا قەدەر زىياھاجىنىڭ مويكىسى ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتتا چارروسيىلىك باشقا سودىگەرلەرمۇ بۇ مويكىدىن پايدىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاي ياڭ مۇخۇ (چەت ئەل مويكىسى) دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
كېيىنكى ۋاقىتتا رامزان چانىشوف قېرىلىق سەۋەبى بىلەن تىجارەتنى ئىنىسى نىمۇتۇللانىڭ ئىككى ئوغلىغا - خەسەن چانىشوف بىلەن خۇسەن چانىشوفقا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. خۇسەن چانىشوف بىلەن ئۇزاق يىل بىرگە ئۆتكەن ۋە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا قۇرۇلغان «يويشن» شىركىتىدە ئىشلىگەن قادىر ئاخۇن ئاكىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، خۇسەيىن چانىشوف شۇ دەۋرلەردە يىلىغا تىجارەتتە 35 مىليون رۇبلىلىك مال ئوبوروت قىلاتتىكەن. قادىر ئاخۇن ئاكا بۇ ئەھۋالنى خۇسەن چانىشوفنىڭ ئەسلىدىكى شېرىكى، كېيىن مەسلىھەتچىسى بولغان ناسىر بورناشوف قاتارلىق تاتار بوغالتىرلاردىن سوراپ بىلگەنىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا يېزىلغان بىر كىتاپتا شىنجاڭدىكى باي سودىگەرلەر توغرىسىدا توختالغاندا، كۆپلىگەن ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئۈستىدە توختىلىش بىلەن بىرگە خۇسەيىن چانىشوفنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ سودا كاپىتالى نەچچە ئون مىليون رۇبلى ئالتۇن پۇلغا يەتكەن، ئۇ روسىيىدىكى ئاتاقلىق بانكىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان، روسىيە - ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى كۆپلىگەن بانكىلاردا پۇل ئامانەت قويغان، دەپ يازىدۇ.
خۇسەيىن چانىشوف كېيىنكى ۋاقىتتا، بولۇپمۇ شېڭ شىسەي ۋاقتىدا سىياسىي قاينامغا كىرىپ قالىدۇ. ۋەكىل نامى بىلەن ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىدۇ. ئاخىر قولغا ئېلىنىپ، پۈتۈن مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 1940 - يىللاردا تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.