نۇسرەت شەھىدى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
نۇسرەت شەھىدى 1921 - يىلى 3 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، 1929 - يىلى 9 - ئايدىن 1935 - يىلى 1 - ئايغىچە ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1935 - يىلى 1 - ئايدىن 1938 - يىلى 7 - ئايغىچە موسكۋادا ئوقۇيدۇ. 1938 - يىلى 9 - ئايدىن 1939 - يىلى 1 - ئايغىچە ئۈرۈمچى تاتار باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1939 - يىلى 3 - ئايدىن 1943 - يىلى 11 - ئايغىچە، ئالتاي قاباناھىيىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. 1943 - يىلى 11 - ئايدىن 1944 - يىلى 5 - ئايغىچە ئۈرۈمچىدە خىزمەت كۈتۈپ تۇرىدۇ. 1944 - يىلى 5 - ئايدىن 1944 - يىلى 11 - ئايغىچە قارا شەھەر ناھىيىلىك مائارىپ بۆلۈمىدە بۆلۈم ئەزاسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1944 - يىلى 12 - ئايدىن 1945 - يىلى 8 - ئايغىچە ئۈرۈمچى قىزلارشۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى، 1945 - يىلى 9 - ئايدىن 1946 - يىلى 10 - ئايغىچە ئۈرۈمچى تەمىنات ئىدارىسىنىڭ ئىشلەپىچقىرىش گۇرۇپپىسىدا كاتىپ بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1946 - يىلى 11 - ئايدىن 1958 - يىلى 8 - ئايغىچە جۇڭگو - سوۋېت دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى، مەسئۇلى بولىدۇ ۋە <جۇڭگو - سوۋېت دوستلۇق> ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا تىنىچلىقىنى قوغداش كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشىيەتنگە ياردەم بېرىش شۆبە جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، 1951 - يىلى 7 - ئايدىن 1955 - يىلى 6 - ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. 1955 - يىلى 6 - ئايدىن 6019 - يىلى 9 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 1960 - يىلىدىن 1964 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 1960 - يىلىدىن 1964 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى، 1964 - يىلى 1979 - يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، 1979 - يىلى ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بۇلىدۇ. بۇ ئارىلىقتا، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. كېيىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولىدۇ. 1986 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە مۇدىرى بولىدۇ.
نۇسرەت شەھىدى، 1950 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن بولۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق 1 -، 2 -، 3 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىلى، سىياسىي كېڭەش ئاپتۇنوم رايونلۇق 4 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ ئۇ 1997 - يىلى 5 - ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن 76 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.