ئابدۇرېھىم ئۆمەر
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئابدۇرېھىم ئۆمەر 1925 - يىلى 5 - ئايدا قەشقەر شەھىرىدە كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، 1934 - يىلىدىن 1940 - يىلغىچەقەشقەر شەھىرى ۋە يېڭىسار ناھىيىسىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1940 - يىلىدىن 1942 - يىلى 8 - ئايغىچە ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىن ۋە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى قۇرلغان ئىلغار ياشلارنىڭ يەر ئاستى تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولىدۇ. 1943 - يىلى تەشكىلاتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن بىللە قولغا ئېلىنىپ، 1946 - يىلى گومىنداڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى 11 ماددىلىق تىنىچلىق بىتىمى ئىمزالىغاندا قويۇپ بېرىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار تۈرمىدىن بوشانغان تەشكىلات ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىپ، بىتىم شەرتلىرىگە ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭدا مىللىي ئارمىيە قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ ۋە ئابدۇرېھىم ئۆمەر قاتارلىق بىر بۆلۈم كىشىلەرنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن قەشقەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان قاسىمجان قەمبىرى بىلەن بىرگە قەشقەرگە ئەۋەتىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆمەر قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن قاسىمجان قەمبىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ ھەمدە قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىلغار ياشلارنىڭ پائالىەيەت ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئەھۋالنى قاسىمجان قەمبىرى ئارقىلىق يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، يۇقىرىدىن بېرىلگەن يوليۇرۇقلارنى جايلارغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى قەشقەردە بىتىمنى بۇزۇپ، ئىلغار ياشلارنى تۇتقۇن قىلغاندا، ئابدۇرېھىم ئۆمەرمۇ قولغا ئېلىنىدۇ. 1949 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە 6 - ئاي ئاخىرىدا سابىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلغان قەشقەر ئىلغارلىرى قاتارىدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مالىيە بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ. 1950 - يىلى 8 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولىدۇ ۋە 1950 - يىلى 6 - ئايدىن 1954 - يىلىغىچە يەكەن ۋىلايەتلىك باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، 1956 - يىلى 9 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ماي شىركىتىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە سودا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 1956 - يىلى 9 - ئايدىن 1982 - يىلى 5 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1982 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 57 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.