ھاشىم ئاخۇن داموللا
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ھاشىم ئاخۇن داموللا 1884 - يىلى (ھىجرىيە 1303 - يىلى) قەشقەردە تۇغۇلىدۇ. ئۇ مەكتەپ يېشىغا يەتكەندىن تارتىپ 18 يېشىغىچە قەشقەردىكى دىنىي مەكتەپلەردە باھاۋۇدىن مەخسۇم، ئىسلام داموللام، مامۇت ئاخۇن داموللام، ياقۇپئاخۇن خەلپىتىم، سەلىماخۇن ھاجىم، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق ئالىم مۇدەرىسلەردە ئوقۇيدۇ. ھاشىم ئاخۇن داموللام كىچىكىدىن زېرەك، ئاددىي - ساددا، كىچىك پېئىل، راستچىل، خۇش چاقچاق كىشى بولۇپ يېتىلىدۇ.
ئۇ 18 يېشىدا بۇخاراغا بېرىپ <مەدرىسە كۆك ئاداش> تا بىر يىل ئوقۇيدۇ. كېيىن تاماقتىن قىينىلىىپ، قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. شۇ يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىنى تولۇقلىغاندىن كېيىن قايتا تاشكەنىتكە بېرىپ، باھادىرخان تاشكەندى دېگەن كىشىدە ئوقۇپ داموللا ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىلمى خەتمە قىلىپ (ئوقۇشىدىن دىسسېرتاتسىيە يېزىپ) مەدرىسە تاجى، مەدرىسە ھېكىمبەگ، كېيىن قازان مەدرىسەسى ۋە خەنلىق مەدرىسەلەردە مۇدەررىس، 61ىل قەشقەرنىڭ باش قازىسى بولىدۇ. غوجا گۈزەل ۋە ھېيتگاھ مەسچىتلىرىدە قىرىق يىلچە ئىمام ۋە خاتىپلىق قىلىدۇ. شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ دەۋرلىرىدە خەلق ۋەكىلى بولۇپ ئۈرۈمچىدە يىغىنلارغا قاتنىشىدۇ. 1947 - يىلى ھەج قىلىش ئۈچۈن كەشمىر بىلەن ھەجگە ماڭىدۇ، ئەمما ھەجگە ئۈلگۈرەلمەي پاكىستان ۋە ئەرەبىستانلاردا تۇرۇپ قالىدۇ. 1948 - يىلى 64 يېشىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى <جەننەتۇل بەقى> غا دەپنە قىلىنىدۇ مۇدەررىسلىك ۋە قازىلىق بىلەن ئۆتكەن ھاياتىدا ئىلىم تەتقىقات ۋە شاگىرت تەربىيلەشتىن باش تارتمايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ خۇسۇسىي كىتابخانىسى بولۇپ ھەر كۈنى تۈن يېرىمىغىچە كىتاب كۆرۈش، تەتقىقات قىلىش بىلەن ئۆتەتتىكەن.