ئۆمۈر مەنزىللىرى
ئۇيغۇر ئويۇنلىرى
بۇ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى، داستانلىرى ۋە نەسرلىرىنىڭ تاللانمىلىرىدىن تۈزۈلگەن توپلام بولۇپ، 1985 - يىل 6 - ئايدا شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. توپلامغا شائىرنىڭ 1942 - يىلدىن 1984 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يازغان ئەسەرلىرىدىن <تاڭ شاللىرى>، <باھار چىللايمەن>، <يىراقتىن خەت>، <ئەسسالام، ئەي قەشقىرىم>، <مەن ئاق بايراق ئەمەس> قاتارلىق 60 نەچچە پارچە شېئىرى، 70 پارچە رۇبائىيسى، <يېڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا>، <ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك> ناملىق داستانلىرى، <گۈل ۋە ئازغان> ناملىق باللادىسى ۋە <دېڭىزدىن سادا> قاتارلىق نەسرلىرى كىرگۈزۈلگەن.