ئىلى دۇلقۇنلىرى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئابدۇراخمان قاھار يازغان ئىككى قىسمىلىق رومان بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1 - قىسمى 1982 - يىل 4 - ئايدا، 2 - قىسمى 1988 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تېما قىلىنغان تۇنجى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان بۇ روماندا نادەم، رەيھان، ئەنۋەر، نىزامىدىن قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى كومادىر - جەڭچىلىرىنىڭ ئارمىيىگە كىرىش جەريانى، ئارمىيىگە كىرگەندىن كېيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قەھرىمانلارچە چەڭ قىلىپ، ھايات قالغانلىرىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تەركىبىگە قېتىلىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئاپتور بۇ ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قوزغىلىشىدىكى ئىجتىمائىي - تارىخىي سەۋەبلەرنى، مىللىي ئارمىينىڭ تەشكىللىنىش زۆرۈرىيىتىنى ۋە جەريانىنى، مىللىي ئارمىيە جەڭىلىرى قىلغان بىر قانچە قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭلەرنى، ئۈچ ۋىلايەت ۋە شۇ ئەتراپتىكى بىر مۇنچە جايلارنى ئازاد قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىتىكى سەۋەبلىرىنى بەدىئىي يوسۇندا ئوبرازلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن.