ئانىلار قەلبى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئايال شائىرلارنىڭ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن نەشرگە تەييارلىغان، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982 - يىل 5 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا مەريەم سەپەربايىۋا، ھەجەر قادىر، نۇرىيە ئېلاخۇن، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن، ئايشەم قادىر قاتارلىق شائىرلارنىڭ خوتۇن - قىزلار ۋە مۇھەببەت، ۋەتەن، ئىلىم - پەن تېمىسىدىكى شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.