UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىھەسەنبەگ

ھەسەنبەگ

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى ھەسەنبەگ قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ بەشكەنت تاغ يېزىسىنىڭ چۆپ كەنتىدە نامرات چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىكىدىلا ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ يېتىم قالىدۇ. بالىلىق دەۋرىنى چۆپتىكى تاغىسىنىڭ ئائىسلىدە ئۆتكۈزىدۇ. 15 ياشقا كىرگەندە كۈن ئېلىش ئۈچۈن يەركەن دەرياسىدىن ئۆتۈپ، بۇرۇمسال ئارقىلىق تاشقورغانغا بېېرىپ، شۇ جايدىكى ئەمەلدار ۋە چارۋىچىلارنىڭ ئات، كالىلىرىنى بېقىپ جان باقىدۇ. ئۇ تاشقورغاندا يۈرگەن چاغلىرىدا تاشقورغان ھاكىمىنىڭ ئاتلىرىنى باققاچ بالىلىرىغا قارا پ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىدۇ. كېيىنچە شۇ جايدىكى يەرلىك چېگرا ساقلاش ئەترىتىدە چېگرا ساقلىغۇچى ئەسكەر بولىدۇ. ئۇ ياشلىق دەۋرىدە تاشقورغان ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتۈپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پەرغانە، ئوش، ئەنجان ۋە تاشكەنت قاتارلىق جايلىرىدا 15 يىلدىن ئارتۇق مۇساپىر بولۇپ يۈرىدۇ. شۇ مەزگىللەردە ئىلغار ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە 1940 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭغا قارشى يەر ئاستى خىزمەت ئىشلەيدۇ. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەينى يىللىرى تاشقورغان چېگرا قوغداش ئەترىتىدە بىللە ئىشلىگەن تاجىك دوستى، 40 - يىللاردىكى گومىنداڭ قاغىلىق ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى بوز يىگىت (بوز توختى) نىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ياردىمى بىلەن بەشكەنت تاغ بەگلىكىنىڭ بېگى بولىدۇ. ئۇ ئۇنىڭغا ياخشى پۇرسەت بولۇپ، مەخپىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىلىدۇ. 1945 - يىلى 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى قاغىلىقتا قۇددۇسجان غوجا، ئابلەت خېلىلوف قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئىشىغا رەھبەرلىك قىلىش يادرو گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ كونكرېتنى پىلانلىرىنى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ ھەم بەشكەنت تاغدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تاشقورغاندا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ھەسەنبەگ ئۆز يېرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ. لېكىن، ھەسەن بەگنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىش - ھەرىكەتلىرى يەرلىك ئەكسىيەتچىلەرنىڭ مەلۇم قىلىشى بىلەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا يېتىدۇ، ئۇلار ھەسەنبەگ قاتارلىقلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ھەسەنبەگ قاتارلىقلار دەسلەپتە تەشكىللەنگەن 60 تىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ يەركەن دەرياسىدىن ئۆتۈپ تاشقورغانغا كېتىدۇ. ھەسەنبەگ تاشقورغاندا تۇرغان بىر ئاي جەريانىدا ئۆزى ئېلىپ بارغان ياشلارغا مىلتىق ئېتىش، قول بومبىسى تاشلاش، پارتلىتىش قاتارلىق ئاددىي ھەربىي ساۋاتلارنى ئۆگىتىدۇ. كېيىن (1945 - يىلى 11 - ئايدا) تاشقورغان قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ ئىسكادرون كوماندىرلىرىدىن بايىك، گۆھەر قاتارلىقلار بىلەن 60 تىن ئارتۇق پارتىزاننى باشلاپ چۆپكە كېلىپ، بىر پەي گومىنداڭ ئەسكىرىنى تولۇق يوقىتىپ، قورال - ياراغلىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ ۋە گومىنداڭنىڭ مازادار، كۆدە دېگەن جايدىكى چېگرا ساقلىغۇچى قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا 2 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار بەشكەنت تاغ تەۋەسىدىن 300 دىن ئارتۇق كىشى قوشۇنغا قاتنىشىدۇ. ھەسەنبەگ ئەينى ۋاقىتلاردا تاشقورغاندىكى قوماندانلىق شىتابىغا 300 تۇياق كالا - قوتاز، 100 تۇياق خىللانغان ئات ۋە 200 تۇياقتىن ئارتۇق قوي يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 1946 - يىلى 3 - ئايدا ھەسەنبەگ مىللىي قىسىم قوماندانلىق شىتابىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، بەشكەنت تاغدىكى 300 جەڭچىدىن 150 نى كوماندىر گۆھەر، تۇرسۇنبەگ، پازىل موللا باشچىلىقىدا بەشكەنت تاغدىكى ئىستىراتىگىيىلىك جايلارنى قوغداشقا قالدۇرۇپ، ئۆزى 150 جەڭچىنى باشلاپ يەركەننىڭ قوشراپ، كاچۇڭ دېگەن يېرىدىكى چوڭ قوشۇنغا قاتنىشىدۇ. كاچۇڭ، قوشراپلارنى قوغداش ئۇرۇشىدا خىزمەت كۆرسىتىپ، <باتۇر تاغ ئەسكەرلىرى> دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولىدۇ. 11 ماددىلىق بىتىم ئىمزالىنىپ قوشۇن تارقىتىلغانغا قەدەر بەشكەنت تاغنى بىر يىل ئىشغال قىلىپ تۇرىدۇ. 1946 - يىلى 7 - ئايدا بىتىمنىڭ روھى بويىچە قوشۇنلارنى تارقىتىش پەرمانى يېتىپ كەلگەندە، بۇيرۇق بويىچە بەشكەنت تاغقا قايتىپ كېلىپ، ئۇ جايدىكى 150 جەڭچىنى قولۇئاغۇنىڭ زات دېگەن يېرىگە يېغىپ قورالسىزلاندۇرۇپ تارقىتىۋېتىدۇ. قوراللارنى تاشقورغان ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتكۈزۈپ تاپشۇرۇپ بېرىپ قايتىپ كېلىدۇ. ھەسەنبەگ خەنزۇچە، رۇسچە، تاجىكچە تىللارنى ياخشى بىلىدىغان، تەشكىللەش قابىلىيىتى يۇقىرى، ئۇرۇشتا باتۇر ئادەم بولۇپ، تاشقورغان ئىنقىلابىي قوشۇنىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سەركەردىلىرىدىن بىرى ئىدى. شۇ ۋاقىتتىكى تاشقورغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۇنى چېگرا ساقلاش ۋالىيلىقىغا تەيىنلىگەنىدى. 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گومىنداڭ بەشكەنت تاغقا 300 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئىنقىلابقا قاتناشقانلارنى بىر - بىرلەپ تۇتقۇن قىلىدۇ. ھەسەنبەگمۇ تۇيۇقسىز قولغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭ سادىق ياردەمچىسى ياقۇپ دېگەن ياشنى كۆز ئالدىدا ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ھەسەنبەگنىڭ پۈتۈن ئۆي - جاي، چاۋا، مال - مۈلۈكلرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. ۋەھشىي گومىنداڭ ئارمىيىسى ھەسەنبەگ، تۇرسۇنبەگ، ھېكىم روزى قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق ياشلارنى باغلاپ بىر - بىرىگە چېتىپ ئۇرۇپ قىيناپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنى ناھىيە بازىرىدىكى تۈرمىگە قامايدۇ، ھەسەنبەگ قاتارلىقلار گومىنداڭنىڭ 4 - بىرىگادا 2 - پوللك 7 - باتالىيونىنىڭ تۈرمىسىگە تاشلىنىدۇ. 1949 - يىلى 2 - ئايدا ناھىيىلىك قورچاق ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۈرمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ھەسەنبەگ شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ تۈرمىسىدە ئۈچ يىل يېتىپ، ئازاب - ئوقۇبەتلىك تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرىدۇ. دۆلەت ئازاد بولۇپ، ئازادلىق ئارمىيە قاغىلىققا يېتىپ بارغاندىلا قۇياش نۇرىنى كۆرىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى