UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئابلىز ھوشۇر

ئابلىز ھوشۇر

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى 1912 - يىلى 1 - ئايدا بۈگۈر ناھىيە يېڭىسار يېزىسىدا موللا ھوشۇر داموللا ھاجى دېگەن دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئابلىز ھوشۇر ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئەرەب، ئىنگىلىز، پارس، تۈرۈك تىلى قاتارلىق تىل بىلىدىغان يۇقىرى مەلۇماتلىق تەرجىمان ئىدى. ئۇ 16 ياشقىچە (1928 - يىلىغىچە) ئائىلە تەربىيىسىدە بولىدۇ ۋە ئاتىسى موللا ھوشۇر داموللا ھاجىدا ئوقۇيدۇ. 1928 - يىلىدىن 1931 - يىلىغىچە كۇچا ناھىيىسىدىكى مۇسەننىپ داموللىدا ئوقۇيدۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەدىرىپ دېگەن نام بېرىلىدۇ. (بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى <بۇلبۇل> دېگەن بولىدۇ) 1932 - يىلىدىن 1934 - يىلغىچە ئۈچ يىل قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇپ داموللا ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. 1936 - يىلىغىچە ھىندىستانغا بېرىپ، ئىككى يىل دىنىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1937 - يىلىدىن 1942 - يىلىغىچە ئالتە يىل مەككىدە ئوقۇيدۇ ھەم ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. 1942 - يىلىدىن 1946 - يىلىغىچە مىسردا تۆت يىل ئوقۇيدۇ ھەم جامىل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. ئۇ 35 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا مىسىرنىڭ ئەزھەر دېگەن ئاتاقلىق مەكتىپىدە ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقى، پادىشاھلىرى ھەم دىنىي ئۆلىمالىرىنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن چۈشكەن سوئاللارغا بەرگەن جاۋابى توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ قېتىملىق چوڭ يىغىندىلا مىسىرنىڭ پادىشاھى پاراخ ئۇنى ماختاپ، <بۈگۈندىن باشلاپ سېنىڭ ئىسىمىڭ چىڭگىزخان بولسۇن، چۈنكى بۇرۇندا جۇڭگودا چىڭگىزخان دېگەن بىر كىشى ئۆتكەن. سەن جۇڭگودىن 2 - قېتىم چىققان چىڭگىزخان> دەيدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىسمى <چىڭگىزخان> دەپ ئاتىلىدۇ. (چىڭگىزخان دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى <ئاتاقلىق>، <مەشھۇر>، <ناھايىتى كۈچلۈك>، <بويسۇندۇرغۇچى> دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ) ئۇ مىسىردىن ئەرەبىستانغا بېرىپ مەھمۇت مۇھىتى (سىجاڭ) بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياپونىيىگە بارىدۇ. كېيىن مەھمۇت مۇھىتى بىلەن بىللە بېيجىڭغا كېلىدۇ. ئەينى چاغدا شېڭ شىسەي شىنجاڭدا كوممۇنىستلارنى، ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى، زىيالىيلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلمەي نەنجىڭ داشۆ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدۇ. مەھمۇت مۇھىتى ۋاپات بولغاندا نامىنى چىڭگىزخان چۈشۈرۈپ يەرلىكىدە قويىدۇ. چىڭگىزخان بىر مەزگىل جۇڭگونىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسىدا ئىشلەپ، 1947 - يىلى 1 - ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ. تۇغقانلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىسارغا بېرىپ ئۈچ ئايدەك تۇرغاندا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجوڭ، مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمىلار ماشىنا ئەۋەتىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئۇ ئىچكى ئىشلار نازارىتىدە بۆلۈم باشلىقى، قوشۇمچە، سەنمىنجۇيى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ كۈنلەردە ئۇ يەنە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. بۈگۈر ۋەكىلى بولۇپ شۇ يىلى - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن گومىنداخۇي (مىللىي قۇرۇلتاي) غا قاتنىشىدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بولىدۇ. چىڭگىزخان قىسقىلا ھاياتىدا <سەر پۇل ۋىجدان>، <ئۇيغۇر شەرفى>، <قەلبى ئاسىيا>، <تۈركىستان ھودۇتلىرى> قاتارلىق بىر قانچە پارچە ئەسەر يازىدۇ ۋە كۆپلىگەن دىنىي كىتابلارنى تەرجىمە قىلىدۇ. 1949 - يىلى 7 - ئايلاردا چىڭگىزخان يۇرتى بۈگۈردە تۇرۇۋاتقاندا، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، ئەيسا بەگ قاتارلىق كىشىلەر بۈگۈرگە كېلىپ، چىڭگىزخان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى چەت ئەلگە چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىدۇ. چىڭىگىزخان چىگرىدىن ئۆتەلمەي يەكەنگە كېلىپ تۇرۇپ قالىدۇ. كېيىن قەشقەرگە چاقىرتىلىپ، ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان قەشقەر، ئاقسۇ دىنىي زاتلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. ئۈچ ئايدىن كېيىن قەشقەردە قولغا ئېلىنىپ، 1950 - يىلى 7 - ئايدا ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە يۆتكىلىدۇ ۋە 1952 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئابلىز ھوشۇر | UyghurWiki | UyghurWiki