UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئابدۇقادىر ئۇستا

ئابدۇقادىر ئۇستا

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى ئابدۇقادىر ئاخۇن ئۇستا 1901 - يىلى قەشقەر شەھەر غەزىنىچى بەگ كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق مەشھۇر تۆمۈرچى ھوشۇر ئاخۇن ئۇستا ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئۇ ئەمدىلا يېشىغا يەتكەندە، سۇ ماي ياقىدىغان ساپال چىراغ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىپ، كۆيۈۋاتقان پىلىك ئۇنىڭ كانىيىغا چاپلىشىپ قېلىپ، ئۆچۈرۈۋالغۇچى بولغان ئارىلىقتا كاناي تېرىلىرىنى كۆيدۈرۈپ قويىدۇ. كۆپ قېتىم داۋالانغان بولسىمۇ، كۆيگەن ئەت چىرىپ، ئاخىر ئېڭەك ئاستىدىكى تېرىسى گالغا تۇتىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بېشى قىڭغىر ۋە يارا ئىزى تاتۇق بولۇپ قېلىپ ئابدۇقادىر تاتۇق دەپ ئاتىلىدۇ. ئابدۇقادىر ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىن باشلاپ دادىسىدىن ئەنئەنىۋى تۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ ھەممە تۈرىنى پۇختا ئۆگىنىدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى، شىنجاڭدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئىش ئىزدەپ چىقىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇ مەزگىلدە، 22 ياشقا كىرگەن ئابدۇقادىرمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىش ئىزدەپ چىقىپ، ئەنجان شەھىرىدە تۆمۈرچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1924 - يىلى روسىيىدە كوپىراتسىيەلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ. بۇ چاغدا ئەنجان شەھىرىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇششاق ئېلىپ ساتارلار كوپىراتسىيەلىشىپ، چارروسىيىدىن قالغان بىر كونا پاختا زاۋۇتىنى ئىشقا كىرىشتۈرمەكچى بولىدۇ. لېكىن، زاۋۇتنىڭ ئوقى يېزىلغان بولۇپ، زامانىۋى تېخنىكلەر كۆپ قېتىم سۇۋاركىلغان بولسىمۇ، سۇۋاركا ئوقنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. سوتكىسىغا 500 مىڭ قاداق كىۋەزنى چىگىتىدىن ئايرىيدىغان بۇ زاۋۇتنىڭ توختاپ قېلىشى ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇستا تەكلىپ قىلىش ئېلانى چىقىرىدۇ. جاي - جايلاردىن كەلگەن سىلىسارلارنىڭ ئەمگىكى بىكارغا كېتىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئابدۇقادىر ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ. بىر سۇ چىلىكىگە ئورناتقان لاي ئوچاق، ئۆچكە تېرىسىدىن ياسالغان كۆۋرۈك، داغمال، بىر قانچە ئېكەك، بىر كونا كۇرۇشكىغا دانىكا ئېلىپ بارىدۇ. ئابدۇقادىرىنى كۈتۈپ تۇرغان ئەبابلار، مۇتەخەسسىسلەر بۇ مېيىپ كىشىگە قاراپ ھەيران بولىدۇ. بەزىلەر كۈلسە، بەزىلەر ئاچچىقلايدۇ. ئابدۇقادىر ئۈن - تۈنسىز ئوچاققا ئوت يېقىپ، داغمالنى قىزىتىپ، ئوقنىڭ يېرىلغان يېرىنى دانىكا بىلەن ئۈچ مىنوت يەتتە سېكۇنتتا كەپشەرلەپ بولۇپ، سىپتا ئېكەك بىلەن كەپشەرنىڭ دانىچىلىرىنى سىلغايتىپ، ئوقنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئوق زاۋۇتقا سېلىنىپ، ھەرىكەتلەندۈرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زاۋۇت ئەسلىگە كېلىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرگەن ئەربابلار ئېلاندا ئېيتىلغان ئىنئامنى ئابدۇقادىرغا بەرمەك بولىدۇ. ئەمما ئابدۇقادىر كېسىلىنى داۋالاپ قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇنى موسكۋاغا ئېلىپ بېرىپ، مەلۇم دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ ئوڭ يوتىسىدىن بىر پارچە تېرىسىنى شېلىپ ئېلىپ ئۇنى گېلىنىڭ كۆيۈپ بۇزۇلغان يېرىگە چاپلاپ ساقايتىدۇ. ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئىككىنچى تەلىپى بويىچە زاۋۇتقا تېخنىك ئىشچى قىلىپ، قوبۇل قىلىدۇ. شۇ يىللاردا ئابدۇقادىر ئەنجان ئوبلاستلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ۋە كېيىن تاشكەنتتە تەسىس قىلىنغان چەت ئەل مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ ئەنجاندىكى شۆبىسىگە ئەزا بولىدۇ. كۆپ قېتىم خىزمەت ئىلغارى بولۇپ، تاشكەنتتە ئېچىلغان ئىشچىلار قۇرۇلتايلىرىغا قاتنىشىدۇ. 1927 - يىلى ئابدۇقادىرنىڭ قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، كەسپ قىلىش ئىلتىماسى تەستىقلىنىدۇ ۋە ئۇنى زاۋۇت رەھبەرلىكى ئىنئام قىلغان بىر يۈرۈش ماتورلۇق ئۈسكىنىلەر، پار ماتورى، گاز سۇۋاركا، دىۋىژۇك - دىنام، تاسمىلىق قىرىش ئىستانوكى، تاسمىلىق تېشىش ئىستانوكى، تاسمىلىق يۇنۇش ئىستانوكى، سەندەل، گىرە، بولقا، ئامبۇر، پولات، چويۇن ئېرىتىش ئوچىقى، قۇيۇش قېلىپى قاتارلىق بىر يۈرۈش سانائەت ئۈسكىنىلىرى بىلەن قەشقەرگە يولغا سالىدۇ. ئابدۇقادىر ئۇستا قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، قۇم دەرۋازا ئىچى (ھازىرقى ۋىلايەتلىك پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسى) ئۇدۇلىدىكى 7000 كۋادرات مېتىرلىق بىر ساراينى ئېلىپ، ماشىنا رېمونتخانا ئېچىپ تىجارەت باشلايدۇ. ۋە قەشقەردە كەم بولغان ياۋروپاچە پوچتا، پەيتۇن ياسايدۇ. ئابدۇقادىر ئۇستا قەشقەرگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، كېرەمباغ دوختۇرخانا ئالدىدىكى ئۆمەر باينىڭ قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان پاختا زاۋۇتىنى سۇ كۈچى بىلەن ئايلاندۇرىلىدىغان پاختا زاۋۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ. نەتىجىدە قەشقەردە تۇنجى بولۇپ، بىر سوتكىدا 12 مىڭ جىڭ كېۋەزنى چىگىتىدىن ئايرىيدىغان بەش ماشىنا بارلىققا كېلىدۇ. يەنە سەككىز تاشتىكى ئوبۇلھەسەن ھاجىمنىڭ پاختا - يۇڭ پرېسلاش ئۈسكىنىسىنى سۇ كۈچى بىلەن ئايلىنىدىغان قىلىپ ياساپ چىقىدۇ. قەشقەر كۆۋرۈكىنى ياساش، ھېيتگاھ ىەلق كۇلۇبىنىڭ ئۈستىنى ياساش، ئاپپاق خوجا مازىرىنىڭ گۈمبىزى چۈشۈپ كەتكەندە، تۆمۈر قۇرۇلما بىلەن ياساش، خەلقئارا قاتناش كۆۋرۈكى بولغان، سوۋېت - جۇڭگو ئوتتۇرسىدىكى سىمخانا كۆۋرۈكىنى ياساش قاتارلىق چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئىشلىگەندە ئۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ پولات قۇرۇلمىلىق ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. 1950 - يىلى 1 - ئايدا ئابدۇقادىر ئۇستا پۈتۈن سانائەت ئۈسكۈنىلىرى ۋە 18 نەپەر خىزمەتچىسى بىلەن بىللە ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، 13 - دىۋىزىيە ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رېمونت زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى بولىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئىزچىل ھالدا قەشقەرنىڭ سۇ، توك ئىشلىرى ۋە دېھقانچىلىق زاۋۇتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1967 - يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دولقۇنىدا ئىسيانكارلار تەرىپىدىن ھوقۇقى تارتىۋېلىنىدۇ. كېيىن مېڭىسىگە قان چۈشۈپ 1977 - يىلى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى