ئوسمان قارىي ھاجىم
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئوسمان قارىي ھاجىم 1915 - يىلى بورتالادا تۇغۇلىدۇ. 1924 - يىلىدىن 1934 - يىلىغىچە ئاتۇش، قەشقەرلەردە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1934 - يىلدىن 1935 - يىلغىچە قەشقەر ۋالىيسى يۇنۇسبەگنىڭ تەربىيىسىدە بولۇپ، يونۇسبەگنىڭ بۇيرۇشى بىلەن 1935 - يىلىدىن 1937 - يىلغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى شەرق ئىنىستىتوتىنىڭ تاشىغىچە قورغاس كادىرلار تەربىيلەش كۇرسىدا ئوقۇيدۇ. 1939 - يىلىدىن 1944 - يىلغىچە قورغاس ناھىيىسىدە قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە دۆڭ مەھەللە ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئوقۇغۇچى ۋە مۇدىر بولىدۇ. 1944 - يىلى 11 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، 1945 - يىلى 1 - ئايدىن 12 - ئايغىچە ئىلى ۋىلايەتلىك، قورغاس ناھىيىلىك تەپتىش ئىدارىلىرىدە خىزمەت قىلىدۇ. 1946 - يىلىدىن 1953 - يىلىغىچە قورغاس ناھىيە ۋە ئىلى ۋىلايەتلىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
1953 - يىلىدىن 1953 - يىلىغىچە بېيجىڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ. 1955 - يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق چاي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى، 1962 - يىلىدىن 1981 - يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات سودا كوپىراتىپ يەرلىك ماللار مېۋە - چېۋە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، 1981 - يىلىدىن 1987 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولىدۇ. 1987 - يىلى 3 - ئايدا دەم ئېلىشقا چىقىدۇ.
ئوسمان قارىي ھاجىم 1996 - يىلى 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى 82 يېشىدا يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولىدۇ.