UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىسوۋغات

سوۋغات

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، كوللېكتىپ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نەشرگە تەييارلقىغان، 1985 - يىل 2 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. توپلامغا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر يازغۇچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرى تاللانغان بولۇپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرى تاللانغان بولۇپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭغا زۇنۇن قادىرىنىڭ <قىزىلگۈل>، قەييۇم تۇردىنىڭ <گۈلزارلىك ھويلىدىكى كىشلەر>، زوردۇن سابىرنىڭ <ئامەت>، ئەخەت تۇردىنىڭ <سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە>، ئابدۇراخمان قاھارنىڭ <ئەمەت ھاجى>، قاھار جېلىلنىڭ <چەۋەنداز>، ئابلىمىت سابىرنىڭ <دەرۋازىۋەن>، مالىك كېۋىرنىڭ <ھاياتقا مەدھىيە>، ئەخەت ھاشىمنىڭ <خۇشاللىقىنىڭ سىرى>، ئابلا ئەخمىدىنىڭ <كاج بواي>، توختى ئايوپنىڭ <ۋىسال كېچىسى> قاتارلىق ھېكايىلىرى؛ ئالىمجان ئىسمائىل، مەمتىمىن ھوشۇر قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ تاللانغان ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى