UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئابدۇرېشىت قارىي ھاجى

ئابدۇرېشىت قارىي ھاجى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى 1922 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان ئابدۇرېشىت قارىي ھاجى مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە، دىنىي مەكتەپتە، كېيىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ، 1940 - يىلى قەشقەردە ئېچىلغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېببىي مەكتەپنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ ۋە شۇ چاغدىكى كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا خىزمەتكە كىرىدۇ. خىزمەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىگە بولغان قىزىقىشى بىلەن بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تاشقى كېسەللىكلەر، ئاياللار كېسەللىكى، كۆز كېسەللىكى بويىچە داۋالاش تېخنىكىسىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە ئاشقازان، چىقۇق، گېموروي، سوقۇر ئۈچەي، سۈيدۈك خالتىسدىن تاش ئېلىش قاتارلىق ئوپېراتسىيىلەرگە قاتنىشىپ، ئەشۇ خىل كېسەللىكلەرنى ئوپېراتسىيە قىلىشنى پىششىق ئۆگىنىدۇ. سوۋېتلىك مۇتەخەسسىسلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ قەشقەردىكى ئاساسلىق دوختۇر بولۇپ قالىدۇ. ئۇ داۋالاش ئۈسكىنىسى يېتەرسىز، شارائىت ناچار بولغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپلىگەن بىمارلارنى خەتەرسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ، شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى ئەۋلاد خىرورگ بولۇپ يېتىشىپ، تېزلا تونۇلىدۇ. 50 يىلدىن بۇيان نەچچە ئون مىڭ بىمالارنى خەتەرسىز داۋالاپ، خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. ئابدۇرېشىت قارىي ھاجى 1940 - يىلىدىن باشلاپ ئۆزلۈكىدىن رۇسچە ئۆگىنىپ ۋە رۇسچە تېببىي كىتابلاردىن پايدىلىنىپ، داۋالاش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرىدۇ. 1970 - يىلىدىن باشلاپ خەنزۇ تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىپ، كەسپى كىتاب، ژۇرناللاردىن پايدىلىنالايدىغان سەۋىيەگە يېتىدۇ. 50 - يىللاردا سېستىرالار يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن 400 بەتلىك دەرسلىك تۈزەيدۇ. «قىزىل كېسەللىكىنى داۋالاش» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەردىن قەشقەرگە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن كەسپى خادىملارنى تەربىيىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپلىگەن شاگىرت يېتىشتۈرىدۇ. 1980 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇخانا باشلىقى بولىدۇ، كاندىدات باش دوختۇر ئۇنۋانى بېرىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ئەزاسى، قەشقەر شەھەرلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى 1988 - يىلى مەملىكەتلىك 7 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ. ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆز ئۆيىدە 20 نەچچە كارىۋاتلىق شىپاخان قۇرۇپ، داۋالاش كەسپىنى توختاتمىدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئابدۇرېشىت قارىي ھاجى | UyghurWiki | UyghurWiki