ھېيت ھاجىم
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ھېيت ھاجىم ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزا مېيى كەنتىدە، 1898 - يىلى دېھقان ئۆمەر ئاخۇن ئائىلسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن قەشقەر شەھىرىدە تۇردى ھاجىم دېگەن كىشىگە شاگىرت بولۇپ، 1916 - يىلىغىچە تۇماقچىلىق كەسپىنى ئۆگىنىدۇ، كېيىن دېھقانچىلىقتىن قولى بوشىغان چاغلاردا تۇماقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ھېيت ھاجىم 1930 - يىللاردا دادىسى بىلەن ھەج تاۋاپ قىلغان. 1937 - يىلى دادىسى ئۆمەر ھاجىم قازا قىلىدۇ. دادىسىنىڭ نەزىر كۈنى سۇ تېپىلماي، قار - مۇزلارنى ئېرىتىپ، نەزىر تامىقى ئېتىپ، مېيى، لەنگەر، تېتى، كۆكۈلدىن ئىبارەت تۆت يۇرتنىڭ جامائىتىنى ئۇزىتىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ نەزىر سورۇنىدا، ھېيت ھاجىم جامائەتكە ئاتۇش خەلقىنىڭ سۇ كەمچىلىكىدىن نامراتلىققا ئۆتۈۋاتقانلىقى، يۇرتنى تاشلاپ كېتىۋاتقانلىقى، مال - چارۋىلارنىڭ سۇسىزلىقتىن قىرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ، قارايار دېگەن جايدىن ئۆستەڭ چېپىپ، يېزىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى، بۇ ئىشقا يېزا چوڭلىرىنىڭ باش بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.
1938 - يىلى يۇرت خەلق سۇ تىلەپ زاراخەتمە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، سېرىق ئاتا، سۇ كېچە باجچىم دېگەن جايغا يېغىلغاندا، سېيىت ھاجىم جامائەتنىڭ ئۆستەڭ چېپىشقا ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنىدۇ. بىر قىسىم ياشلار بىر قانچە كۈندىن خالىس ئەمگەك قىلىپ ئۆستەڭ چېپشىپ بېرىدۇ. بەزىلەر بۇ ئىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
1939 - يىلى ئادەت بويىچە يەنە زاراخەتمە ئۆتكۈزۈلىدۇ. زاراخەتمىگە چىققان كىشىلەر ھېيت ھاجىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چېپىلغان ئۆستەڭ بويىغا قويۇلغان جىرىملارنى كۆرۈپ قايىل بولىدۇ _ دە، ئۆستەڭ چېپىشقا يۇرت كاتتىلىرى باش بولۇپ، يۇرتلارغا ئۆستەڭ چېپىش ئىشىنى بۆلۈپ بېرىدۇ.
1937 - يىلىدىن باشلاپ، ھېيت ھاجىم باشچىلىقىدا چېپىلغان ئۆستەڭ 1950 - يىلى پۈتۈن، ئاتۇش خەلقىنىڭ نامراتلىق تارىخىغا ئاساسىي جەھەتتىن خاتىمە بېرىلىپ، خەلق مۇقىم ماكانلىشىدۇ.
ھېيت ھاجىمنىڭ ھىممىتى بىلەن 1937 - يىلىدىن باشلاپ قەدەممۇ قەدەم ياسىلىپ، 1950 - يىلى پۈتكەن بۇ ئۆستەڭ ئازادلىقتىن كېيىن بىر قانچە قېتىم رېمونت قىلىندى. 1976 - يىلى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ئىشقا سېلىنىپ، ئۆستەڭ ئاستىغا سۇلياۋ ياتقۇزۇلدى. كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلار نازارىتى ۋە ئاتۇش شەھەرلىك سۇ ئىشلار ئىدارىسى بىلەن ئالدىن بېيىغان قۇدرەت ھاجىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە بۇ ئۆستەڭ سېمونتلۇق قىلىپ ياسالدى. بۇ ئۆستەڭ ھازىرمۇ ھاجىم ئۆستىڭى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.