ئوسمان ھاجىم پىلانچى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئوسمان ھاجىم پىلانچى 1900 - يىلى ئاتۇش شەھەر ئۈستۈن ئاتۇش يېزا يولچىلا كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات تالىپ خەلپىتىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە، ئاتىسىدىن دىنىي بىلىم ئالىدۇ. ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماي، داڭلىق قۇرۇلۇش ئۇستىسىنى بەكرى ئاخۇنغا شاگىرت بولۇپ كىرىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەربىيىسىدە 20 يېشىدا قۇرۇلۇش كەسپىنى مۇكەممەل ئىگىلەيدۇ.
1926 - يىلى ئوسمان ھاجىم تىرىكچىلىك ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا بولغان مەزگىلىدە ھەر قايسى چوڭ - كىچىك شەھەرلەردە تامچىلىق قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ بىر تەرەپتىن تامچىلىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن جايلارغا قۇرۇلۇش كەسپىدىكى يېڭىلىقلارنى ئۆزلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا بولغان تۆت يىلى ئىشلەش، ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش بىلەن ئۆتىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەردىن بولغان قۇرۇلۇش تېخنىكلىرىدىن سىزىش، ئۆلچەش، ۋە لايىھىلەشتىن ئىبارەت سخېمىچىلىق كەسپىنى مۇكەممەل ئۆگىنىدۇ.
ئۇ 1930 - يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، 1939 - يىلىغىچە ئاتۇش، قەشقەر، غۇلجا، بورتالا قاتارلىق جايلاردا قۇرۇلۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆگەنگەن سىزىش، ئۆلچەش، لايىھىلەش جەھەتتىكى ھۈنىرىنى ئىشقا سالىدۇ. بولۇپمۇ 1935 - يىلى ئاتۇش بازىرىنى ئازاققا كۆچۈرۈش ۋاقتىدا ئوسمان ھاجىم يېڭى بازار قۇرۇلۇش ئورنىنى پىلانلاش، سىزىش، لايىھىلەش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ داڭ چىقىرىدۇ.
شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلگىچە شىنجاڭدا تاشيول يوق ئىدى. ياپونغا قارشى تۇرۇپ، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان مەزگىلدە، قورغاستىن ئۈرۈمچىگە، ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغىچە، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە تاشيول قۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ. بۇ تاشيول قۇرۇلىشىدا ھەر قايسى ناھىيىلەر ئۆز تەۋەسىنى ئۆزى ياساشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. قەشقەردىن تۇمشۇققىچە بولغان تاشيولنى ياساشنى قەشقەر ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئاتۇش قەشقەرگە قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتۇشتىن چىققان يول ياسىغۇچى ھاشاغا ئوسمان ھاجىم مەسئۇل بولىدۇ. بۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن تېخنىك خادىملار ئوسمان ھاجىنىڭ يولنى پىلانلاش، تانا تارتىپ لايىھىلەش ئىشىنى كۆرۈپ، بۇ كىشىنىڭ تېخنىكىلىق ماھارىتىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئوسمان ھاجىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن بەش كىشىلىك تېخنىك گۇرۇپپىسىغا قاتناشتۇرىدۇ. ۋە قەشقەردىن تۇمشۇققىچە (مارالبېشىنىڭ ئۇدۇلى) بولغان تاشيولنى لايىھىلەش، پىلانلاش، ياساشقا ئوسمان ھاجىنى مەسئۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم داڭ چىقىرىپ، ئوسمان پىلانچى دەپ ئاتىلىدۇ.
1946 - يىلى ئوسمان ھاجى ھەج تاۋاپ قىلىشقا بارىدۇ ۋە بىناكارلىق ئالىي ئىنژېنېرى ھاجى ئەكبەر دېگەن كىشى بىلەن تونۇشىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىككى يىل تۇرۇپ، ئەرەب، تۈرك، بىناكارلىق ئۇسلۇبى ۋە بۇ جايلاردىكى غەربنىڭ زامانىۋى قۇرۇلۇش شەكلى، مەشغۇلات ئۇسۇلى، زىننەتلەش قاتارلىق يېڭىلىقلارنى ئۆگىنىدۇ. ھاجى ئەكبەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن دوگرى ئىسىملىك كىشىنىڭ ئالتە قەۋەتلىك بىناسىنى سېلىشقا قاتنىشىدۇ. ئۇ مۇشۇ جەرياندا ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا كەم بولغان، قەۋەتلىك بىنا سېلىشقا ئائىت بىر قىسىم تېخنىكىنى ئىگەللەيدۇ.
ئوسمان ھاجى يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1950 - يىلىدىن 1959 - يىلىغىچە ئاتۇش ناھىيىلىك، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئىسلاھات ئىدارىسىدا، 1963 - يىلىغىچە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق بىناكارلىق شىركىتى ۋە ئوبلاستلىق سايمان زاۋۇتى قۇرۇلۇش لايىھىلەش باشقارمىسىدا تېخنىك بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1963 - يىلى دەم ئېلىشقا چىقىپ، 1968 - يىلىغىچە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق شۆبە ھەربىي رايون قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ كەسپىي مەسلىھەتچىسى ۋە تېخنىك يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1968 - يىلىدىن 1972 - يىلىغىچە يۇرتىدا يەر پىلانلاش ئىشلىرىغا تېخنىك مەسلىھەتچىسى بولىدۇ.
1951 - يىلى ئاتۇش ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېڭدىن قۇرۇلىدىغان ئاتۇش ناھىيە بازىرىنى پىلانلاپ، لايىھىلەشنى ئوسمان ھاجىمغا تاپشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ناھىيە بازىرى ئوسمان ھاجىمنىڭ پىلانلاپ لايىھىلىشى، يېتەكچىلىكى ئاساسىدا قۇرۇلۇپ چىقىدۇ. يەنە قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمە قۇرۇلۇشى، ئاقچى، ئۇلۇغچات، ئاقتۇ ناھىيلەرنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇشلىرىنى بىر تۇتاش لايىھىلەپ، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئوسمان ھاجىم قۇرۇلۇش لايىھىلەش ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتا ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ مىللىي ئۇسلۇبى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، نەققاشچىلىق، مىمارچىلىقتا بار نۇسخىلارغىلا قاراپ تۇرماي، ئۇيغۇر نەققاشچىلىقىنى ئىجابى راۋاجلاندۇرۇشقا تۆھپە قوشىدۇ.
ئوسمان ھاجىم پىلانچى 60 يىلغا يېقىن قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا كۆپلىگەن شاگىرتلارنى يېتىشتۈردى. ئۇنىڭ يېتىشتۈرگەن شاگىرتلىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر قايسى بىناكارلىق ساھەسىدە تۆھپە قوشتى. ئوسمان ھاجىم قەشقەر، ئاتۇش رايونلىرىنىڭ سۇ، ئېلېكتر ئىشلىرىغا ئاز بولمىغان ئەجىرلىرىنى سىڭدۈردى. ئۇ 1931 - يىلى چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى سۇ بۆلگۈچ توسما قۇرۇلۇشى، 1953 - يىلىدىن 1959 - يىلىغىچە كاتتايلاق سۇ دامبا قۇرۇلۇشى، غول ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى، ئوڭئېرىق، ئاچچىقيار سۇ چۆكۈرمە قۇرۇلۇشى، ئاتۇش چاقماق دەريا، بوغۇز دەريا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئاتۇش شەھىرىدە تۇنجى قۇرۇلغان سۇ ئېلېكتر ئىستانىسىنىڭ ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى لايىھىلەش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى بەدىلىگە 1958 - يىلى ئەمگەك قەھرىمانلىرى ۋەكىلى بولۇپ، پايتەختكە بېرىپ، ماۋزېدۇڭ، جۇئىنلەي قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. 1957 - يىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.
ئوسمان ھاجىم 1974 - يىلى يۇرتىدا ئالەمدىن ئۆتتى.