مۇھەممەت ئىسمائىل
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
مۇھەممەت ئىسمائىل 1922 - يىلى 1 - ئايدا كورلىدا تۇغۇلىدۇ. 1949 - يىلى 9 - ئايدا ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتنىشىپ، 1950 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولىدۇ. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن كورلا ناھىيلىك مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، كورلا ناھىيلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھاكىم، قارا شەھەر مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، قوشۇمچە بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بايىنغۇلىن يەرلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بايىنغۇلىن ئوبلاشتلىق خەلق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىشلەيدۇ. 1954 - يىلى 9 - ئايدىن تارتىپ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئىككى يىل ئوقۇيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق 2 -، 3 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق 1 -، 2 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق 6 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. 1988 - يىلى 1 - ئايدا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 6 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، 1993 - يىلى 6 - ئايدا ئۈرۈمچىدە 77 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.