UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىيۈسۈپ تەيجى

يۈسۈپ تەيجى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى شائىر يۈسۈپ تەيجى جۈبەير ئىبنى پەتەنوش غېرىبى 1964 - يىلى قومۇل شەھىرىدە سۇنغان بەگ ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى جۈبەير بەگ مۇھەممەت بېشىر ۋاڭ دەۋرىدىكى پەتەنوش تەيجىڭ چوڭ ئوغلى، پەتەنوش تەيجى، مۇھەممەت بېشىر ۋاڭ <پۇقرالارنى ۋاڭغا قارشى قۇتراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىدى> دەپ خانغا سۇنغان مەلۇماتقا ئاساسەن خاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئايالى، ئوتتۇرانچى ئوغلى بىلەن بىللە بارىكۆلدە قەتل قىلىنغان. بۇ ئىش ئۆسمۈر يۈسۈپكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ قۇمۇل مەدرىسەلەرىدە ئوقۇغان مەزگىلدە غۇربەتچىلىكتە ياشايدۇ. لېكىن، ئۇ بىلىمىگە زور ئىشتىياق باغلاپ، چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى پۇختا ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئەرەب، پارىس تىللىرىنىمۇ پۇختا ئۆگىنىدۇ. نەتىجىدە ئىلىم ساھەسىدە يېتىلىپ، خەلقپەرۋەر كىشى بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسىدا يوسۇل، قىراقۇل، مەلۇمچى (بۇلار ئوردا ئەمەل ناملىرى)، 49 يېشىدا تەيجى بولىدۇ. تەيجى بولغان مەزگىلدە ئوردىغا ئىلىم ئەھلىنى يىغىپ، ئوردىدا خەتتاتلىق كۇرسى ئېچىش بىلەن بىرگە، ئوردا زىيالىيلىرىنى ھەر جەھەتتىن تەربىيلەيدۇ. ئۆزىمۇ ئۇستا خەتتات بولۇپ يېتىلىدۇ. ھەم تېببىي بىلىمنى ئۆگىنىپ، تېبابەتچىلىكتە كۆزگە كۆرۈنىدۇ. ئۇ ئوقۇش ۋە خىزمەت جەريانلىرىدا غېرىبى تەخەللۇسىدا ئادالەت، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان كۆپلىگەن، شېئىر، نەزمە، نەسىھەتنامىلەرنى يازىدۇ. يۈسۈپ تەيجى غېرىبى ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، جامائەت خىزمىتىدە بولۇپ، 1937 - يىلى ھەج تاۋاپ قىلىپ، قايتىپ كەلگەندە، تۇرپان قارا غوجا كارىزىدا تۇرىدۇ، يەنى ئۇ بۇ يىللار شېڭ شىسەينىڭ تۇتقۇن قىلىش دەۋرى بولغاچقا، ئۆزىنى تۇتقۇن بۇلۇشتىن قاچۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ 1938 - يىلى ئۇنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلى مەۋرۇپبەگ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. شۇڭا، يۈسۈپ تەيجى غېرىبى قۇمۇلغا قايتمايدۇ. ئۇ 1940 - يىلى 76 يېشىدا تۇرپان قاراغۇجا كارىزىدا ئالەمدىن ئۆتۈپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
يۈسۈپ تەيجى | UyghurWiki | UyghurWiki