زۇنۇن قادىر
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئۇيغۇر يېقىنقى ئەدەبىياتىغا، بولۇپمۇ ھېكايىچىلىقىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان زۇنۇن قادىر 1912 - يىلى 6 - ئايدا تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيسىدە شەھەر كەمبىغىلى ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ.كېيىن ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپ، 1919 - يىلى غۇلجىدىكى دىنىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىدۇ ۋە دىنىي مەكتەپتە ئىككى يىل ئوقوغاندىن كېيىن، پەننىي مەكتەپتە ئىككى يىل ئوقوغاندىن كېيىن، مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. زۇنۇن قادىر 13 ياشقا كىرگەن يىلى دادىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ چارىسىز قىلىپ ئوقۇيالمايدۇ.1935 - يىلى يىلىغىچە دادىسىدىن مىراس قالغان ئازغىنە يەردە دېھقانچىلىق قىلىدۇ. 1935 - يىلى ئۇ غۇلجىدا ئېچىلغان ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش كۇرسىدا بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. 1937 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى يىل، ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئۈچ يىل بىلىم ئالىدۇ.
زۇنۇن قادىر ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ يۈرگەن مەزگىلىدە جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. ئۇ 1941 - يىلى غۇلجىغا قايىتىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئۇيۇشما قارىمىقىدىكى سەنئەت ئۆمىكى (سانايىنەپسە) دە ئارتىس، ئىجادىيەتچى، رېژىسسور، دېكوراتور، چىراغچى بولۇپ ئىشلەپ، ئۆز تالانتىنى ھەر تەرەپلىمە جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنى يېڭلاش، گۈللەندۈرۈش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىدۇ.
غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تالانتلىق ياش سەنئەتكار زۇنۇن قادىر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي پارتىلغان كۈنلەردە ھەربىي مۇخبىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قايتىدىن تەشكىللەنگەن سەنئەت ئۆمىكىدە ئىجادىيەت بۆلۈم باشلىقى، قوشۇمچە مائارىپ بۆلۈم باشلىقى، ئىنقىلابىچىل ياشلار تەشكىلاتنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «كۈرەش»، شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايەت قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «ئىتتىپاق» قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا مۇھەررىر ۋە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ، مىللىي ئەدەبىيات - سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا سەركەردىلىك رول ئوينايدۇ.
زۇنۇن قادىر ئازادلىقتىن كېيىن ئۇيغۇر مەدەنىي - مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. ئۇ 1951 - يىلدىن 1954 - يىلىغىچە غۇلجا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ قەلبىگە ئىلىم - مەرىپەت ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. 1951 - يىلىدىن ئېتىبارەن مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئىجادىيەت بۆلۈمىدە ئىشلەپ، نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىدۇ. 1957 - 1963 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈسىتىگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە «سول» ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئۇزۇن يىل رىيازەت چېكىدۇ. مەدەنىيەت مۇستەبىتچىلىكىگە خاتىمە بېرىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولىدۇ.
ھاياتىنى خەلقىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىگە بېغىشلىغان زۇنۇن قادىر سەنئەت ئىجادىيىتىگە 1936 - يىلى كىرىشكەن بولۇپ، ئۈچ پەردىلىك «جاھالەتنىڭ جاپاسى»، «ئۇچراشقاندا»، «پارتىزان يولى»ناملىق درامىلارنى يازىدۇ. 1942 - يىلى «گۈلنىسا»، «غۇنچەم» دراملىرىنى يېزىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىدۇ. 1943 - يىلى غۇلجىدا سەھنە ئەسىرى «غېرىب - سەنەم» ئوينالغاندا، زۇنۇن قادىر ئۇنىڭغا «شىكار ئۈستىدە»، «مەكتەپ» ناملىق ئىككى پەردە قوشىدۇ. يەنە «ھەر ئىشنىڭ يولى بار»، «خۇش خەۋەر» قاتارلىق درامىلارنى يازىدۇ. 1945 - يىلدىن باشلاپ، ھېكايە، مەسەل، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى - چۆچەك، قوشاق، بېيىت، ماقال - تەمسىللەرنى توپلاپ، «ئىتتىپاق» ژۇرنىلدا ئېلان قىلىپ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاشقا باشلامچىلىق قىلىدۇ. شۇ يىللاردا «مۇئەللىمنىڭ خېتى»، «شەپقەت ھەمشىرىسى»، «ماغدۇر كەتكەندە» قاتارلىق ھېكايىلەرنى يازىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن، «چىنىقىش» قاتارلىق ھېكايىلەرنى، «توي» ناملىق درامىنى يازىدۇ. «توي» ناملىق درامىسى 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. 1981 - يىلى تېيىپجان ئېلىيوف، ئىلى ئېزىزى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «غېرىب - سەنەم» ناملىق كىنو سىنارىيسىنى يازىدۇ ۋە «غۇنچەم» درامىسىنى رىژىسسور ئابدۇللا بىلەن بىرلىشىپ سىنارىيىلەشتۈرىدۇ. 1948 - يىلى 6 - ئايدا 17 بابلىق «خاتىرىلەر» نى نەشر قىلدۇرىدۇ. «غۇنچەم» درامىسى زۇنۇن قادىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر دراماتورگىيە تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ ئۆز ھاياتىدا بىزگە «غۇنچەم»، «چېنىقىش»، «خاتىرىلەر»، «مەسەل قادىر تۇرمۇشتا ئاددىي - ساددا، كەمتەرم ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، ئەستايىدىل، مەسئولىيەتچان، چېقىشقاق، خۇش چاقچاق ئادەم ئىدى. ئۇ يۇقىرىقىدەك ئېسىل پەزىلەتلىرى بىلەن خەلق ئاممىسى بىلەن ئىچقويۇن - تاشقۇيۇن بولۇپ ياشىغان، شۇڭا كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. ئەپسۇس، بۇ خەلق بىلەن قەلبداش يازغۇچى 1989 - يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ.