UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئىبراھىم مۇتىھى

ئىبراھىم مۇتىھى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى ئىبراھىم مۇتىھى (ئۆتمۈشتە مۇتىلىيوف دېگەن فامىلە قوللانغان) 1920 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلىدۇ. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شىنجاڭدا ئوقۇپ، 1937 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنىدە مۇئەللىم، شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا مۇئاۋىن مۇدىر، تىل مەكتىپىگە مۇدىر بولىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرجىمە - تەھرىر بۆلۈم مۇدىر بولىدۇ. 1950 - يىللاردا بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتىدا لېكتور بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1980 - يىللاردىن باشلاپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل ئىنستىتۇتىدا تەتقىقاتچى ۋە مۇدىر بولىدۇ. ئۇ جۇڭگو تۈركىي تىللار جەمئىيىتىگە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئىشلەپ، تۈركىي تىللار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ تەرجىمىسىگە مەسئۇل مۇھەررىر بولىدۇ. ئىلگىرى تىل مەكتەپتە ئىشلىگەن ۋاقتىدا، «ئۇيغۇر تىلى سەرفى»، «ئۇيغۇر تىلى نەۋھى» ، «ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىيات قائىدىلىرى» دېگەن ئۈچ توم كىتاب يېزىپ مەكتەپ مەتبۇئەسىدە باستۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلىرى «ئىبراھىم مۇتىھى ئىلمى ماقاللىرى» دېگەن ماۋزۇدا كىتابچە قىلىنىپ ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتكە كىرگەن دەۋرى قەشقەر مەدرسەلىرى » دېگەن ماقالىسى ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ « ئىسلام دىنى جۇڭگودا» ناملىق ئىلمىي يىغىنىدا ئوقۇلىدۇ ۋە شۇ يىغىننىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمىدا ئىنگلىزچە ئېلان قىلىنىدۇ (بۇ ماقالە تارىم ژۇرنىلىدا ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىنغان، «غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» دېگەن ژۇرنالدىمۇ ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىنغان). ئىبراھىم مۇتىھى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر قايسى گېزىت - ژۇرناللاردا رۇسچە، خەنزۇچە 20 پارچىدەك ماقالە ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەھمۇت قەشقەرنىڭ يۈرتى توغرىسىدىكى ماقالە خەلقئارا چوڭ تەسىر قوزغايدۇ. بۇ ماقالىنى «سوۋېت تۈركولوگىيە» ژۇرنىلىمۇ 1987 - يىلىدىكى 4 - سانىغا باسىدۇ. بىر ئۆمۈا تەتقىقاتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئىبراھىم مۇتىھى ياشانغىنىغا قارىماي، ھازىرمۇ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئىبراھىم مۇتىھى | UyghurWiki | UyghurWiki