ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىم
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىم ھىجرىينىڭ 1313 - يىلى (مىلادىيە1896 - يىلى) خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە دىنىي ئالىم ئابدۇللا مۇپتى ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. 16 يېشىغىچە گومىدىكى ئۆلىمالاردا ئوقۇيدۇ. شۇ چاغدا تەجەللى ئابدۇللا مۇپتى ھاجىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مەلۇم ۋاقىت مېھمان سۈپىتىدە تۇرۇش جەريانىدا، ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىمنى شاگىرت قىلىپ تەربىيلەشنى خالايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئابدۇللا مۇپتى ھاجىم ۋە ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىملار بۇ ياخشى نىيەتكە رەھمەت ئېيتىپ خۇرسەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، نەتىجىدە ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىم تېخىمۇ كۆپ بىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە، ئابدۇقادىر داموللام ھوزۇرىغا بارىدۇ. ئابدۇقادىر داموللام ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىمنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ تەربىيلەپ يېتىشتۈرىدۇ ۋە نەتىجىدە ئۇ ئالىي مەلۇمات بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، داموللا ئۇنۋانىنى ئالىدۇ.
ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىم ئوقۇش پۈتتۈرۈپ گومىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچى - تالىپلارغا ئىلىم ئۆگىتىدۇ ۋە كىشىلەرنى تەرەققىياتتا ئارقىدا قېلىشقا سەۋەب بولىدىغان خۇراپاتلىققا، مۇتەئەسسىپلىككە قارشى كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئۇ 1934 - يىلى ھەج قىلىش ئۈچۈن ئەرەبىستانغا بارىدۇ. 1934 - يىلى ھەج قىلىش سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپلا، باندىت شېڭ شىسەي تەرىپىدىن بىگۇناھ قولغا ئېلىنىپ، 43 يېشىدا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلىدۇ.