تېڭىقچى سامساق ئۇستام
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
1901 - يىلى ئاتۇش سۇنتاغ يېزا تۆركۈل كەنتىدە تېڭىقچى توختى ئاخۇن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان سامساق ئۇستام مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە موللا خەلپەتتە ئوقۇپ دىنىي ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن دادىسى بىلەن بىللە يۈرۈپ، تېڭىقچىلىقنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇ ئۆز ئائىلىسىدە مۇستەقىل تېڭىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېيىنچە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، تېڭىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ داڭقى چىقىدۇ. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ تېڭىقچىلىق تېخنىكىسى ئۈستۈن بولۇپ، 10 - 20 يىل ئىلگىرى سۇنغان، خاتا تېڭىلىپ ئىزىغا چۈشمەي تۇتۇپ قالغان سۇنۇقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىزىغا چۈشۈرۈپ داۋالاپ، نۇرغۇنلىغان بىمارلارنىڭ كېسىلىنى داۋالايدۇ. كېسەللەر بۇنىڭدىن تولىمۇ رازى بولىدۇ. ئۇ ئۇزۇن يىل تېڭىقچىلىق قىلىپ، شىنجاڭ دائىرىسىدە شۆھرەت قازىنىدۇ ۋە داۋالىغان كېسەل نەچچە ئون مىڭغا يېتىدۇ. ئۇ كېسەل داۋالاشتا پۇل باردىن ھەق ئالىدۇ. يوقسۇللار ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ.
سامساق ئۇستىنىڭ تېڭىقچىلىق ماھارىتىنى كۆرگەن ئاتۇشتىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئۇنى 1970 - يىلى سۇنتاغ يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇ بۇ دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن جاي - جايلاردىن كەلگەن داۋالانغۇچىلار كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىدۇ. 1975 - يىلى سامساق ئۇستا سەھىيە نازارىتى تەشكىللىگەن ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكى تەركىبىدە ئىچكى موڭغۇل، بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى تىببىي ئورۇنلار، بولۇپمۇ تېڭىقچىلىققا ئائىت كەسپىي جايلارنى ئېكسكۇرىسىيە قىلىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرىدۇ ۋە ئۆزى بۇ كەسىپنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، بىرىنچىدىن، كېسەلنىڭ ئاھىغا يېتىش، ئىككىنچىدىن، ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ، بۇ كەسپىنى ئەۋلاتتىن - ئەۋلادقا قالدۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ _ دە، ئالدى بىلەن ئۆز ئوغلى ئېلىجان بىلەن ئابلەينى سۇنۇقچىلىق كەسپىدە تەربىيىلەپ يېتىلدۈرىدۇ. خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسىدىن كەلگەن ئابدۇللا يولۋاس سامساق ئۇستامنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشى بىلەن ئۇستا تېڭىقچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. شۇنىڭدىن كېين ئۇ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئىشىغا چىن كۆڭلىدىن بېرىلىپ شاگىرت تەربىيىلەيدۇ.
1980 - يىلى سەھىيە نازارىتى سامساق ئۇستامغا «سۆڭەك كېسەللىكلىرى بويىچە مۇدىر تېۋىپ» ئۇنۋانى بېرىدۇ. ئۇ تۆھپىلىرى بەدىلىگە ئاتۇش ناھىيىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەشنىڭ رەئىسى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ئەزاسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق 6 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. 1985 - يىلى 11 - ئايدا 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.