ياسىن ئارىز ھاجى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ياسىن (سەتەڭ) ئارىز ھاجى 1885 - يىللاردا ئاتۇش ناھىيە مەشەت يېزىسىدا قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ ئانىسى جاھانبۈۋى ئاچقان دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقىرىدۇ. 1897 - يىللىرىغىچە قەشقەردە ئۇششاق تىجارەت قىلىدۇ. 1910 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا چىقىپ، ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ. كېيىن توقماق (ھازىرقى ئىسسىق كۆل ۋىلايىتى) گە بېرىپ، شۇ يەرگە يەرلەشكەن ئاتۇشلۇق سودىگەرلەرنىڭ يېنىدا تۇرۇپ باي سودىگەرلەرنىڭ دەللاللىق (ئۇلارنىڭ ماللىرىغا خېرىدار تېپىپ، ئېلىپ - سېتىش قاتارلىق) ئىشلىرىنى قىلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئىككى تەرەپتىن ئالغان شېرىنكا ۋە پايدا پىرسەنتى بىلەن پۇللۇق بولۇپ، بىۋاسىتە ئۈچتۇرپان، باي قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، ئۇ يەردىن يەرلىك سانائەت ماللىرىنى ئېلىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئاپىرىپ، ئۇ يەردىن سانائەت ماللىرىنى ئېلىپ، باي، ئۈچتۇرپان، ئاقسۇ، كۇچا قاتارلىق جايلارغا ئەكىلىپ سېتىپ، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. ياسى ئارىز ھاجى سودىدا روناق تېپىۋاتقان كۈنلەردە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلايدۇ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىر قانچە يىل تۇرۇپ قالىدۇ. 1920 - 1930 - يىللار ئارىلىقىدا ئۇ كىشىلەرگە تىجارەتتە تونۇلىدۇ. (شۇ چاغلاردا قانداقتۇر بىر سەۋەب بىلەن كىشىلەر بۇ كىشىگە «سەتەڭ» دەپ لەقەم قويىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ياسىن سەتەڭ دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ). ھەم غۇلجىدا قۇرۇلغان «نىجات شىركىتى» گە ئەزا بولىدۇ. ئۆزى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان تىجارەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 1934 - يىللاردا خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇدىكى نىياز دوتەي (نىياز شېرىپى) گە ياسىن ئارىز ھاجىنى مۇئاۋىن قىلىپ بەلگىلەيدۇ.
خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ياسىن ئارىز ھاجى قەشقەرگە قايتىپ بېرىپ، قەشقەردە قۇرۇلغان ئىتتىپاق شىركىتىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا ياسىن ئارىز شۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى بولىدۇ. 1943 - يىلىغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. شىركەتنىڭ بىر بۆلۈم شوپۇرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قايتىپ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شېڭ شىسەي شىركەت ئەزالىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن قولغا ئېلىپ، مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا بۇ شىركەتتە باش دېرىكتور ئىمىن ھاجى، مۇئاۋىن دېرىكتور ياسىن ئارىز ۋە خالىق ئاخۇن ئىسىملىك يەنە بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ تۇغقىنى قېلىپ قالىدۇ _ دە، شىركەت ۋەيران بولىدۇ. 1943 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان شىنجاڭنىڭ بارلىق چېگرالىرى ئېتىۋېتىلىدۇ. شىنجاڭ سودىسى ئەنگلىيە، ھىندىستان بىلەن بولىدۇ. بۇ يىللاردا ياسىن ئارىز ھىندىستان بىلەن سودا قىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مالىيە نازارىتىنىڭ مەلۇم ئەمەلدارى بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا قەشقەر شەھىرىنىڭ ھاكىملىق ئەمىلىنى بېرىدۇ. شۇ كۈنلەردە مېخانىك مامۇتجان بىلەن يەنە بىر رۇس مېخانىكنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ، شوپۇرلۇق كۇرسى ئاچىدۇ. بۇ كۇرسقا 30 نەپەر شوپۇر، ئون نەپەر رېمونتچى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. يەنە قۇمۇللۇق مىجىت ھاجى دېگەن كىشىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ياسىن ئارىز ھاجى 1949 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا لەنجۇدىن يەنە 40 دانە ماشىنا سېتىۋالىدۇ. ئۇ ئادەم ياللاپ ماشىنىنى شىنجاڭغا ئېلىپ چىقىش ئالدىدا گومىنداڭنىڭ قاچاق قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلىدۇ. ياسىن ئارىز ھاجى كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرىدۇ. 1953 - يىلى 68 يېشىدا پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە ۋاپات بولىدۇ.