UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئادراسمان چېچەكلىگەندە

ئادراسمان چېچەكلىگەندە

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، ئابلا ئەخمىدىنىڭ پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1996 - يىل 2 - ئايدا نەشر قىلىنغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <ئادراسمان چېچەكلىگەندە>، <كەپتەرۋاز>، <يوتا> ناملىق ئۈچ پارچە پوۋېستى كىرگۈزۈلگەن. <ئادراسمان چېچەكلىگەندە> ناملىق پوۋېستتا ئاق كۆڭۈل، ئەمما مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەن ناتىۋان قىز سەيدەم بىلەن دادىسىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، مۇھەببەتنى شوتا قىلىپ ئەمەل - مەنسەپ تەمەسىدە پاجىئەلىك تەقدىرگە سەۋەب بولغان يىگىت - قەھرىماننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق تۇرمۇش رېئاللىقى ناھايىتى جانلىق سۈرەتلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى