زىرىف قارىي ھاجى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
زىرىف قارىي ھاجى ئۆزبېك بولۇپ، 1858 - يىلى تاشكەنتتە تۇغۇلىدۇ. 1890 - يىللىرى شىنجاڭغا كېلىپ، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە ياشايدۇ. زىرىف قارىي ھاجى دىنىي مەكتەپلەردە كۆپ ئوقۇغان كىشى، 16 يېشىدىن باشلاپ <تاشكەندى> تەخەللۇسىدا شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن شائىر، تارىخچى، پەيلاسوپ زىرىف قارىي ھاجى شىنجاڭدا ئۆتكۈزگەن 60 يىلدەك كۆپرەك ھاياتىدا شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتە زور تەسىر قالدۇرىدۇ. ئۇ ھەر قايسى دەۋرلەردە ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلغان ئەركىنلىك تەربىغاتچىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھەر قايسى مەدرىسەلەردە مۇدەررىس بولغاندا ئىسلام ئەھكاملىرىغا بىرلەشتۈرۈپ،<ۋەتەن سۆيۈش ئىمان جۈملىسىدىن> دېگەن ئىسلام پەلسەپىسى بويىچە ئەمىر - مەرۇپ قىلىپ، خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالىدۇ. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىم - ئۆلىمالىرى بىلەن تەڭ ئورۇندا ھۆرمەتلىنىدۇ. زىرىف قارىي ھاجى قۇرئاننى تەرجىمە قىلىپ بومبايدا باستۇرغاندىن كېيىن<پەرغانە ۋە قەشقەر تارىخى> ناملىق ئەسەر يازىدۇ(بۇ ئەسەرنىڭ قوليازمىسى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتىدۇ).
قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى جەنۇبىي شىنجاڭغا كېڭىيىشكە باشلىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قەشقەرگە قېچىپ كەلگەن ۋە قەشقەر تاغلىرىنى ئىگىلەپ ياتقان قوراللىق باسمىچىلار سوتسىيالىزمغا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كىشىلەرنى چۆرىسىگە يېغىپ، 14 كىشلىك مەخپىي تەشكىلات <ئىستىقلال جەمئىيىتى> نى قۇرىدۇ. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئورنى قەشقەر يار باغ دەرۋازىسى تېشىدا <غەيرىي مۆمىنلەر> مېھمانخانىسىدا بولۇپ، كېيىنچە بۇ جاينىڭ نامى <ھىلال ئەھمەر> دوختۇرخانىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. كېيىن، قەشقەردە سوۋېتتىن قېچىپ كەلگەن باسمىچىلارنىڭ ھىمايىسىدا، ئاتالمىش <شەرقىي تۈركىستان> ھۆكۈمىتى قۇرۇلىدۇ. زىرىف قارىي ھاجى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى بولىدۇ. <شەرقىي تۈركىستان> ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، زىرىف قارىي ھاجى سابىت داموللا بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنىپ، ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىدۇ ۋە تۈرمىگە قامىلىدۇ. زىرىف قارىي ھاجى ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى مەسچىت ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا يەنىلا ئەركىنلىك تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. 1944 - يىلى غۇلجىغا بېرىپ، كونا تونۇشى ئېلىخان تۆرە بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئېلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى <ئازاد شەرقىي تۈركىستان> ھۆكۈمىتىدە دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ. شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايۇنلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ئەزاسى بولىدۇ. 1958 - يىلى غۇلجىدا ۋاپات بولىدۇ.