تۇنجى ئاخشام
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئەختەم ئۆمەرنىڭ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992 - يىل 5 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ 80 - يىللاردا يېزىلغان <قېرى قىز>، <تىرىلىش>، <توقاچ>، <تۈتەك ئارىسىدىكى ئاي> قاتارلىق 10 پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن. يازغۇچى بۇ ھېكايىلاردا مەنىۋى دۇنيايىمىزدىكى ئىللەتلەرنى، خاراكتېرىمىزدىكى ئاجىزلىق - بۇزۇلۇشلارنى بەدىئىي ۋاستىلەر ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەرگەن.