ئابلىمىت يۈسۈپھاجى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
مەن ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا، خوتەن ۋىلايىتىگە ھەر تەرەپلىمە ئۆگىنىش ئۈچۈن بارغانىدىم. خوتەن ۋىلايىتى ۋە شەھەرنىڭ سودا - سانائەت، ئەدەبىيات - سەنئەت، تارىخ ۋە ئارخىئولوگىيىلىك ئەھۋالى ھەم مەشھۇر شەخسلەر ئۈستىدە ئىزدەنگىنىمدە، كۆپلىگەن كىشىلەر ئابلىمىت يۈسۈپ بىلەن كۆرۈشتىلىمۇ؟ دېگەن سوئالنى قويۇشتى. شۇنداق قىلىپ مەن بۇ كىشىنى ئىزدىدىم. خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسىنىڭ قوروسىغا كىرگىنىمدە، ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن ئىككى تېۋىپقا ئۇچراشتىم. ئۇلار مېنى ئۈزۈملۈك تال بارىڭى ئاستىدىن باشلاپ ئاددىيغىنا سېلىنغان بىر ئىمارەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ كىشى بىلەن سۆھبەتتە بولۇۋاتقان كىشىلەر قايتقۇچە ساقلاپ تۇردۇق.
ئابلىمىت يۈسۈپ 1925 - يىلى خوتەن ناھىيىسىدە تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە، بىر تەرەپتىن، مەكتەپتە ئوقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن دادىسىدىن تېببىي دورىلارنى ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تونۇش، دورىگەرلىك ۋە دورىلارنىڭ شىپالىق رولى توغرىسىدا بىلىم ئالىدۇ. كېيىن ئۇ خوتەن قەشقەردىكى مەدرىسەلەردە ئوقۇپ، پارس، ئەرەب تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭ پارس، ئەرەب تىللىرىنى ئۆگىنىشى ئۇنىڭ تېبابەتچىلىك كىتابلىرىدىن پايدىلىنىشىغا زور ياردەم بولىدۇ، ئۇ ئەمەلىي ئۆگىنىش بىلەن نەزەرىيىنى بىرلەشتۈرۈپ، 1945 - يىلىدىن باشلاپ مۇستەقىل كېسەل كۆرۈش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ھەم تېببىي كىتابلارنى ۋە تارىخ، ئەدەبىياتقا ئائىت كىتابلارنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ماڭىدۇ. تېبابەتچىلىككە ئائىت ھەر قايسى ئاتالمىلارنى بىلىش ئۈچۈن خەنزۇچە - ئىنگلىزچە دورا ئىسىملىرى لۇغىتىدىن خەنزۇچە يېزىقنى ئۆگىنىدۇ.
1955 - يىلىدىن كېيىن ئابلىمىت يۈسۈپ خوتەن ناھىيىلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئابلىمىت يۈسۈپ ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، پارسچە، ئىنگلىزچە، خەنزۇچە «تېببىي ئاتالغۇلار لۇغىتى» نى تۈزەپ چىقىدۇ. بۇ لۇغەتنىڭ بىر قىسمى 1957 - يىلى «ساقلىق ساقلاش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازاراتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.
تىنىم تاپماي ئۆگىنىپ، بالداقمۇ بالداق ئۆرلەۋاتقان ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلىمىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۆھپە قوشۇۋاتقان بۇ تالانت ئىگىسى 1958 - يىلى «سول» لۇشيەننىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كۆپ رىيازەتلەرنى چېكىدۇ. بىر تەرەپتىن جاپالىق ئەمگەك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خەنزۇچە ئۆگىنىش بىلەن خەنزۇ تىلىدىكى تېببىي كىتابلاردىن تولۇق پايدىلىنالايدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ. ئۇ يەنە ئۇزۇن يىللىق مول تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان مۇرەككەپ دورا رېتسېپى» ۋە «يۇنان تېبابەتچىلىكىدىن كىرگەن دورا رېتسېپى» نى توپلاپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىي توغرىسىدىكى قوللانمىنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئىلىمىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل بايان قىلىنغان بۇ قوللانما 1978 - يىلى سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن باشقا ماقالىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ نەشر قىلىنىپ، كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلىدۇ.
1979 - يىلى ئابلىمىت يۈسۈپ خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە شۇ يىلى تەكلىپ بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تەرجىمە قىلىشقا قاتنىشىدۇ. ئابلىمىت يۈسۈپ 1981 - يىلىدىن كېيىن ۋەتەن تېبابەتچىلىكى «تېببىي قامۇسى» نىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تومىنى ۋە دەرسلىك ماتېرىياللارنى تۈزەش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ. 1980 - يىلىدىن باشلاپ خوتەن ۋلايەتلىك تېببىي تېخنىكوم مىللىي تېبابەتچىلىك سىنىپىغا دەرس ئۆتۈپ، ئۈچ قاراردا 120 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلەپ چىقىدۇ.
ئابلىمىت يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش بىلەن بىرگە، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇرلىرى قېتىشىش، قان سىيىش ۋە نېرۋا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىجادىي رېتسېپلارنى تۈزۈپ چىقىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق جاپالىق ئەمگىكى بىلەن 1983 - يىلى مۇدىر ۋىراچ ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.
ئابلىمىت يۈسۈپ ئىلمىي، تېببىي خادىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ چوڭ ئابرۇيغا ئىگە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ۋە مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، يەنە ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تېبابەت پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتىدۇ.