ئاۋرال شاماللىرى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، زۇردۇن سابىرنىڭ رومانى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1981 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلىنغان. <ئاۋرال شاماللىرى> يازغۇچىنىڭ تۇنجى يىرىك ئەسىرى بولۇپ، يازغۇچىنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيىتىدە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. <قاۋانلىق> دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمكى قومۇشلۇق - زەيلىك گۇڭشېنىڭ يەرلىرىنى كاردىن چىقىرىدۇ، زەي كاساپىتىدىن بىر مۇنچە ئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرى ئۇدا بىر نەچچە يىل ھوسۇل ئالالمايدۇ، دېھقانلارنىڭ ئۆي - جايلىرى ۋەيران بولىدۇ، ئاشلىق ۋە قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش زور زىيانغا ئوچرايدۇ، زەي ئاپىتىدىن قۇتۇلۇش مۇھىم، جىددىي مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. روماندا مۇشۇ جىددىي مەسىلە مەركەز قىلىنىپ، ئەكبەر باشچىلىقىدىكى توغرا لۇشيەن ۋەكىللىرى بىلەن تۇرسۇن كۈرەش قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئەكبەر، مەنسۇر، روزى بوۋاي قاتارلىقلار ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە كەڭ گۇڭشې ئەزالىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، سول لۇشيەنگە قارشى دادىل كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ. يازغۇچى بۇ كۈرەشلەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىلى دېھقانلىرىنىڭ 60 - يىللارنىڭ بېشىدىكى خىلمۇ خىل زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ تۇرمۇشىنى جانلىق، چىن ئەكس ئەتتۈرگەن.